مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    پۇل سىياسىتىگە ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك

    مەۋلۇدە2017-09-22 13:06:56شىنجاڭ گېزىتى

    چېن گوجىڭ

     نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئەمما جۇڭگونىڭ پۇل سىياسىتىگە باھا بېرىشتە چوقۇم ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىدراكىي نۇقتىنى چىقىش قىلىش كېرەك.

     جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىگە باھا بېرىشتە پەقەت قىسمەنلىكنى كۆرۈپ ئومۇمىيلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارتۇق بىر قىسىم ساھەلەر، ئىناۋىتى بولمىغان كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشى قىيىنلاشتى، ئەمما بۇ، قەرز پۇل تارقىتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئازايغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىناۋەتلىك قەرز سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئېشىشىدا زور مىقداردا تۆۋەنلەش كۆرۈلمىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەيلى خەلق پۇلى ئىناۋەتلىك قەرزى بولسۇن ياكى جەمئىيەت مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش بولسۇن ھەممىسىلا بىر قەدەر مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان.

     دۆلىتىمىزنىڭ پۇل سىياسىتىگە باھا بېرىشتە، پەقەت يەككە تۈرلەرگە قاراپلا باھا بېرىشكە بولمايدۇ، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىش كېرەك. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلنى قىسىش سىياسىتى توغرىسىدىكى يەكۈننى چىقىرىشتىكى سەۋەبى بەلكىم يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە كەڭ مەنىدىكى پۇل M2نىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەنلىگەنلىكى، 5 – ۋە 6 – ئايدا ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %10تىن تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

     M2 ئىزچىل ھالدا پۇل سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدە M2 نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوبيېكتىپ سەۋەبى ۋە قانۇنىيىتى بار. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەركىزىي بانكا ۋە ئۈچ كومىتېت ئارقا – ئارقىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت سىياسەتلەرنى چىقاردى. مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىغا قارىتىلغان ماكرولۇق ئېھتىيات باھالىشىدا مۈلۈك قەرز جەدۋىلى سىرتىدىكى روزغارچىلىق كەسپىنى ئىناۋەتلىك قەرز كەسپى دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بانكىلار ئارا ئېلىم – بېرىم، بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە سىرتقا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرگە قارىتا بىر قاتار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىلىرىنى چىقىرىپ، سودا بانكىسى ۋە بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مۈلۈك ۋە قەرز قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

     ئەگەر پۇل سىياسىتى قويۇۋېتىلسە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ بۇرۇلۇشىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۈلۈك باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ چۈشۈش بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئەگەر پۇل سىياسىتى زىيادە قىسىۋېتىلسە مۇقىم ئېشىش نىشانىغا يېتىشكە پايدىسىز بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

     پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەركىزىي بانكىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇل سىياسىتى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مىكرو دائىرىدە ئۆزگەرتىلىپ جانلىقلىقى ساقلىنىدىكەن، يەنى ئىقتىساد زىيادە ئېشىپ كەتسە كىچىك دائىرىدە قىسىش، زىيادە تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلسە كىچىك دائىرىدە قويۇۋېتىش بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ۋە شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىق بولىدىكەن.

     نۆۋەتتە ئاكتىپلىق بىلەن سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان بولۇپ، پۇل مۇئامىلە پىشاڭى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ – خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۈلۈك باھاسىنىڭ كۆپۈكلىشىشىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل سىياسىتى يەنە مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كۆپۈكنى كونترول قىلىش ۋە خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن مۇقىم پۇل سىياسىتىدە مىكرو دائىرىدە ئۆزگەرتىش بولۇپ، مۇقىم بولۇشتىن مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن ۋە تېخىمۇ نېيترال ھالەتكە كېلىشىگە قاراپ يۈزلەنسىمۇ، پۇل سىياسىتىدە ئاساسىي يۆنىلىش ئۆزگەرمەي، ھەممىسى مۇقىم پۇل سىياسىتى دائىرىسىدە بولىدۇ.

     كېيىنكى قەدەمدە مۇقىم ۋە ئوتتۇرا ھال بولۇش پۇل سىياسىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى بولۇپ، پۇل ئىناۋەتلىك قەرزى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ، يۆتكىلىشچانلىقى ئاساسەن مۇقىم بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.