مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشتى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-09-21 13:27:54تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 20-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلىك دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلار (تۆۋەندە قىسقارتىپ «دۆلەت كارخانىلىرى» دېيىلىدۇ) نىڭ جەمئىي ئىشقا ئاشۇرغان مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە بىر تىرىليون 45 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %24.87 ئاشقان، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ كارخانىلار باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاۋغۇست ئېيىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈم مەلۇماتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت كارخانىسىدىن 782 سى بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا بۇ كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى يەنىمۇ ئۆرلىگەن، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى تېز ئاشقان. دۆلەت كارخانىلىرى 107 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك تىجارەت ئومۇمىي كىرىم سوممىسىنى ياراتقان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %48.34 ئاشقان.

     بۇ ئالاقىدار مەسئۇل تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلمىلىق تەسىر كۆسىتىشتىن قارىغاندا، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەسىرىدە قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %33.97 ئاشقان، تاپشۇرۇپ بولغان باج پۇلى ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %33.10 ئاشقان.

    پىراكتىكانت خالمۇرات غۇپۇر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.