مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    لوپ ناھىيەسىدە دۆلەتكە ئاشلىق سېتىپ بەرگەن دېھقانلار 2 مىليون 520 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشتى

    ئامانگۈل2017-09-14 17:40:05شىنجاڭ گېزىتى

     نۇرمەمەت مەخمۇت خەۋەر قىلىدۇ: لوپ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق تېرىغان ۋە ئاشلىق سېتىپ بەرگەن دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە دۆلەتكە 8400 توننا يازلىق ئاشلىق سېتىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ 2 مىليون 520 مىڭ يۈەن تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى.

     بۇ ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشى، ئاشلىق تولۇقلىما پۇلىنىڭ دېھقانلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا تېگىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دېھقانلارغا دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋە ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئاشلىق تارماقلىرى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا ئاشلىق سېتىۋېلىشقا ئەۋەتتى، ئۇلار ئاشلىق سېتىۋېلىش باھاسى ۋە تولۇقلىما ئۆلچىمىنى دېھقانلارغا تەشۋىق قىلدى ھەم يېزا، كەنتلەردىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىدا ئاشلىق سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.