مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھۆرمەت ۋە ئالقىشقا ئېرىشىش

    ئامانگۈل2017-09-14 16:36:27شىنجاڭ گېزىتى

    مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇسابىقە خاتىرىسى

    مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى

    شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن ئابدۇسالام 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن توپ تالاشماقتا. شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

     مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە تيەنجىندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ئەلا نەتىجىنى ياراتتى. شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن غەلىبە قىلىپ، ھۆرمەت ۋە ئالقىشقا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

     ئىلگىرىكى كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ «مۇستەقىل ئېلىشىشى»غا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ساغلام جۇڭگو» باش تېمىسىدىكى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم 19 ئاممىۋى مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە بىلەن ماھارەت تەنتەربىيەسى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش قەدىمى تېزلىتىلدى.

     شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئالدى، مۇسابىقىگە قاتناشقانلار سانى، تۈرلەردە رېكورت يارىتىش، مېدال ئومۇمىي سانى جەھەتتە ياخشى نەتىجە ياراتتى، ئۈچ چوڭ توپتا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، بولۇپمۇ بوكس ۋە چېلىشىش تۈرىدە ئەلا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇسابىقىدە، شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرى رەقىبىگە، مۇسابىقە قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، رېپېرغا بويسۇنۇپ، بەزى مۇرەككەپ مۇسابىقە مۇھىتىغا باشتىن- ئاخىر سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلىنىپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھى ۋە تەنتەربىيە ئەخلاق- پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

     بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى شىنجاڭدىكى 23 مىليون ھەر مىللەت خەلقنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.


     شىنجاڭ قارىغا ئېتىش ماھىرى يې جىخېڭ (سولدا) 8-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلماقتا.

     جايلاردىن كەلگەن تىرېنېر ۋە تاماشىبىنلار 8-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسى ماھىرلىرى بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

        شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرى يېرمېك تالاپقان (سولدا) 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇسابىقىدە توپ ئېلىپ بۆسۈپ چىقماقتا.

        شىنجاڭ چەۋەندازلىق ماھىرى ليۇ تاۋ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاتنى ئۇسسۇل قەدىمىدە ماڭدۇرۇش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ تۈردە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.


        شىنجاڭ ئاياللار قۇملۇق ساھىل ۋالىبول كوماندىسى ماھىرى ۋېن شۇخۇي (سولدا) 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە توپكا ئۇرماقتا.

        شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 67 كىلوگىراملىقلاردىن تۆۋەن ئايرىمىسى بويىچە تەپمە بوكس ماھىرى ۋاڭ شياۋفېي (ئوڭدا) 9-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇسابىقىلەشمەكتە.

        شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 80 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى ئايرىمىسى بويىچە تەپمە بوكس ماھىرى تيەن جيەن (سولدا) 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، لياۋنىڭ كوماندىسى ماھىرى ياڭ يىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.