مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    غۇلجا ناھىيەسىدە 1800دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى

    ئامانگۈل2017-09-14 16:17:45شىنجاڭ گېزىتى

     ئابدۇسالام قادىر خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا ناھىيەسىدىكى 20 يېزا – بازار(مەيدان)دىن كەلگەن 1804 ئارتۇق ئەمگەكچى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى غۇلجا ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي رايونىدىكى زاۋۇتلارغا بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

     غۇلجا ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي رايونى غۇلجا ناھىيەسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ‹‹شەرق شامىلى›› قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ جەلپ قىلغان تۈر بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئاساس قىلغان. غۇلجا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: غۇلجا ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي رايونىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىغا 455 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھازىر بەش كارخانا ماكانلاشتى. بۇ، ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى زور كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشقان بۇ ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يېزا – بازار(مەيدان)لاردا تەسىس قىلىنغان 32 تەربىيەلەش نۇقتىسىدا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مىننەتدارلىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۆز مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئېڭىنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي كارخانا ئىشچىسى بولۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئائىلىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي رايونىغا 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.