مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش›› چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

    ئامانگۈل2017-09-14 16:17:45شىنجاڭ گېزىتى

     مۇختەر نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىلتو يېزىسى قاراۋۇل كەنتىدىكى جاي ئالدى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2015 – يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش›› تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ناھىيەنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىپ، 1000 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملىك قوتان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆيى، يەم – خەشەك ئامبىرى قاتارلىقلارنى سېلىپ، قورۇ – قوتانلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ چارۋا بېقىشنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ كەنتتىكى ئابدۇرېھىم توختى 20 تۇياق قويىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجۇ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەپ، بىر يىلدا 40 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ ھەر بىر تۇياق قويغا 100يۈەندىن 200 يۈەنگىچە پايدا بۆلۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، بۇ يىل يەنە قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خوتۇنى بىلەن بىللە خۇيجۇ شەھىرىگە ئىشلەشكە كەتتى.

     ئاقتۇ ناھىيەسى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش، 100 ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش›› تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيەدىكى 15 يېزا – بازار(مەيدان)دا كېڭەيتىش بىلەن بىللە، بۇ تۈر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى مەبلەغ، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىمۇ چارۋىلىرىنى بىرلىشىپ بېقىشقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن چارۋىچىلارغا پايدىنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈپ بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلار چارۋىلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەمچىلەر قاتارىغا قېتىلدى ياكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى. ھازىر ناھىيە بويىچە 50 تىن كۆپرەك باقمىچىلىق كوپىراتىپى ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش›› تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇلار ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش، بىرلىشىپ چارۋا بېقىش ئۇسۇلى بىلەن 5000دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2000دىن كۆپرەك چارۋىچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشچى بولدى. 200گە يېقىن چارۋىچى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا پارنىك ھۆددىگە ئېلىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانماقتا، يەنە بەزى چارۋىچىلار ناھىيە – يېزا بازارلىرىدا ئىشلىمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.