مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 3800دىن كۆپرەك دېھقان ئائىلىسى دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى

    ئامانگۈل2017-09-14 16:17:44شىنجاڭ گېزىتى

      شىرىنگۈل ئاقمىرزا، ئاۋۇت مامۇت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ ۋىلايىتى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگىچە دېھقانچىلىق ماشىنىسى تولۇقلىمىسىدىن 80 مىليون يۈەن تارقىتىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالغان 3879 دېھقان ئائىلىسىنى بەھرىمەن قىلدى.

     بۇ ۋىلايەت بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالغان دېھقانلارغا تىپىغا قاراپ 250 مىڭ يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويدى. ناھىيە(شەھەر)لىك دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى تارماقلىرى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن باشلاپ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلارنى يېزا – بازارلارغا ئەۋەتىپ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، دېھقانلارنىڭ تولۇقلىما بېرىلىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى ۋە تولۇقلىمىنى ۋاقتىدا تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى تۆۋەنكى كۆكباش كەنتىدىكى ئەمەت يۈسۈپ بۇلتۇر چوڭ تىراكتوردىن بىرنى سېتىۋېلىپ، 96 مىڭ يۈەن دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغانىدى. ئۇ بۇ يىل يەنە لازېر نۇرلۇق يەر تەكشىلەش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، 20 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ئالدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.