مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 نەپەر خادىم تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-09-14 12:25:59تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2017-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھانىغا قاتناشقان، نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالمىغانلارغا پۇرسەت كەلدى، شەرتكە ماس كېلىدىغانلار 15- سېنتەبىر سائەت 10دىن 17-سېنتەبر سائەت 18گىچە شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى(http://www.xjrsks.com.cn/)غا كىرىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

        بۇ قېتىم جەمئىي 589 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلار ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى تۈرمە، ئاياللار تۈرمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇپ-تەربىيەلەش ئورنى قاتارلىقلار بار.

        تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، خىزمەت ئورنى جەدۋىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى(http://www.xjrs.gov.cn/ )دا ئېلان قىلىندى.

        ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى خىزمىتىدە ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلار، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلەر، قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنلەر بۇ قېتىمقى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشقا قاتنىشالمايدۇ. 19-سېنتەبردىن 20-سېنتەبرگىچە شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى مەكتىپى(ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شوربۇلاق كوچىسى 29-نومۇر)دە سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.