مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز پويىزنىڭ بېلىتىنى ھەرۋاقىت سېتىۋالغىلى بولىدۇ

    بۇئايشەم2017-09-14 10:45:53تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېقىنلاشتى. ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان Z6519 قېتىملىق بىۋاستە ئالاھىدە پويىزىغا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار تېزدىن بېلەت سېتىۋېلىڭلار، چۈنكى بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ 30-سېنتەبىردىن بۇرۇنقى بېلىتى كۆپ قالمىدى.

      ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز پويىز 21-سېنتەبىردىن باشلاپ قاتنايدىغان بولۇپ، بۇ پويىز نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا، ئەڭ تېز ماڭىدىغان پويىز ھېسابلىنىدۇ، پەقەت بەش سائەتتىلا مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ.

      مۇخبىرىمىزنىڭ 12-سېنتەبىر جۇڭگو تۆمۈريول ئابونتچىلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تورىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى-غۇلجا بىۋاستە پويىزىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بېلەت باھاسى ۋە پويىز بېسىپ ئۆتىدىغان بېكەتلەرنىڭ كونكېرت ۋاقتىمۇ ئېلان قىلىنغان، ئېھتىياجلىق يولۇچىلار ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندىن بېلەتنى ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدىكەن.

        ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان بىۋاستە پويىزنىڭ قاتتىق كارىۋات بېلىتى 144 يۈەن، يۇمشاق ئورۇندۇق بېلىتى 128 يۈەن، قاتتىق ئورۇندۇق بېلىتى 81 يۈەن ئىكەن.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.