مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    پىچاندا يېڭىدىن 44 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:27:04شىنجاڭ گېزىتى

      مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل ‹‹قوش تىل›› يەسلى قۇرۇلۇشىنى مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازدا يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىغان 44 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى.

     يېقىندا پىچان ناھىيەسىنىڭ يېزا – كەنتلىرىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا يېڭىدىن پۈتكەن ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىدە ئوقۇش باشلانغانلىقىنى كۆردۈم. پىچان يېزىسىنىڭ ماچاڭ كەنتىدىكى ئۆمەر يۈسۈپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە يېڭىدىن قۇرۇلغان ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى بالىلارنى ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، ئاتا – ئانىلارغىمۇ قولايلىق ياراتتى، ئەمدى ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى خاتىرجەم قىلالايدىغان بولدۇق.

     ئۇقۇشىمچە، پىچان ناھىيەسى بۇ يىل مەركەز، خۇنەن ئۆلكىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەرلىك مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش ئارقىلىق 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لۈكچۈن، لەمجىن، تۇيۇق، چىقتىم قاتارلىق يېزا – بازارلاردىكى 44 كەنتتە 53 مىڭ 108 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، شەھەر – بازار، يېزا – كەنتلەردىكى يەسلى يېشىغا توشقان 14 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ يەسلىدە ئوقۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغان. پىچان ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ھەمدۇل مۇنداق دېدى: ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى ئىدارىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، 8 – ئاينىڭ باشلىرى 44 يەسلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، 9 – ئاي كىرىشتىن بۇرۇن يەسلىلەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ سەپلەپ بەردۇق. ھازىر ناھىيە بويىچە يەسلى ئومۇمىي سانى 77 گە يېتىپ، شەھەر – بازار، يېزا – كەنتلەرنى تولۇق قاپلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.