مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئاۋات ناھىيەسىدىكى 147 ‹‹قوش تىل›› يەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:27:03شىنجاڭ گېزىتى

     تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ: ئاۋات ناھىيەسىدە يېقىندا ئاپتونوم رايون مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان 83 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدىكى ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى 147 گە يەتتى. 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بۇ ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى.

     ناھىيە مەركىزىگە يېڭىدىن سېلىنغان ناھىيەلىك دۆلەت تىلى 6 – يەسلىسى يېقىندا پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ يەسلىگە بالىلىرىنى تىزىملاتقىلى كەلگەن ئاتا – ئانىلار يەسلىنىڭ گۈزەل مۇھىتىنى كۆرۈپ، بالىلىرىنىڭ زامانىۋى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندى. غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۈسەنجان قۇربان مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەسلىنىڭ گۈزەل مۇھىتىدىن، ياتاق، تاماقنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن، ئويۇنچۇق، ئوقۇش قوراللىرى، تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. قىزىمنىڭ بۇ يەسلىدە ياخشى تەربىيەلىنىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بۇ يەسلىگە يېڭىدىن بالىلار تەربىيەچىسى بولۇپ كەلگەن گۈلزار قاسىم مۇنداق دېدى: مەن 15 يىلدىن بۇيان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلىمەن، ئوقۇش – ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تەجرىبەم مول. ‹‹بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن›› دېگەن شوئار مېنىڭمۇ شوئارىم، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەش باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىم.

     ئۇقۇشىمىزچە، بۇ ناھىيەدىكى 147 يەسلىگە 673 ئوقۇتقۇچى سەپلەنگەن. 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنىگىچە ناھىيە بويىچە ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنغان بالا 14 مىڭ 620 گە يەتكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.