مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى لوپنۇر ئالقاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سۇپا بولۇپ قالدى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:22:32شىنجاڭ گېزىتى

     ياسىنجان رەھمىتۇللا خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹لوپنۇرلۇقلار كەنتى›› بىيو تېخنىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى فېڭ شياۋلۇڭ 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ نۇرلۇق مەھەللىسىدىكى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىدىكى دۇكىنىدا خېرىدارلارغا ئۆزى تېرىغان قارا ئالقاتنى كۆرگەزمە قىلدى. ئۇ بۇلتۇر 2000 مو يەرگە تېرىغان ئالقاتلىرىنى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ چىقارغانىدى. ھازىر داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئالقاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سۇپا بولۇپ قالدى.

     لوپنۇر ناھىيەسى بۇلتۇر 7 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ نۇرلۇق مەھەللىسىدە داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر رايونىنى قۇرۇپ چىققانىدى. مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونىنىڭ كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 96 ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى بار، دۇكانلارنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىۋاسىتە ماكانلاشتى. ھازىرغىچە بۇ يەرگە ماكانلاشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ۋە شەخسلەر 89غا يەتتى. مەزكۇر ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلاردىن پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كىچىك ماينان، لوپنۇر قويى گۆشى، لوپنۇر چىگىسى، قارا – قىزىل ئالقات ۋە 20 خىلدىن ئارتۇق قۇرۇق يەل – يېمىش بار.

     ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونىنىڭ بۇلتۇرقى ئالاقە تورى سودا سوممىسى 64 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.