مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    پىچان يېزىسىدا باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى

    ئامانگۈل2017-09-13 15:22:31شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان باقمىچىلىق كەسپىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكتىن، بۇ يېزىدا باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى.

     پىچان يېزىسى باقمىچىلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، يەر، سۇ، توك قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق قىزغىنلىقى ئېشىپ، باقمىچى ئائىلىلەر تېز كۆپەيدى. ھازىر بۇ يېزىدا چوڭ باقمىچى ئائىلىلەر 789غا، كىچىك باقمىچى ئائىلىلەر 3000دىن كۆپرەككە يېتىپ، ئالدىنقى يەتتە ئايدا قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا مال 121 مىڭ توياقتىن ئاشتى. باقمىچىلىق كىرىمىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %22 كە يەتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.