مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    پىچان ناھىيەسى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى

    مەۋلۇدە2017-09-13 12:11:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى ۋە «ئۆرتەڭ» سۇ زاۋۇتىدىن تاش ماتېرىياللىرى سانائەت رايونىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

     پىچان ناھىيەسى لەمجىن، لۈكچۈن قاتارلىق يېزا-بازارلارنىڭ يېزا ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىغا 103 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 57 كىلومېتىر غول تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تاماملاش بىلەن بىرگە، دېھقان ئائىلىلىرىگە 25 كىلومېتىر تارماق تۇرۇبا يولىنى كىرگۈزدى. 39 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ يىل مايدىن ئېتىبارەن «ئۆرتەڭ» سۇ زاۋۇتىدىن تاش ماتېرىياللىرى سانائەت رايونىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ھازىرغىچە 25.4 كىلومېتىر تۇرۇبا يولىنى قېزىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 21 كىلومېتىر يەرگە تۇرۇبا ياتقۇزۇپ بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشلار ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.