مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى تەڭرىتاغ رايونىدا قانات يايدۇرۇلدى

    پەرغانە غوپۇر2017-09-13 11:40:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شىنجاڭ تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى دۆڭكۆۋرۈك بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى «قول تۇتۇشۇپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلايلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. بۇ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت بالىلارنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ بەردى ھەمدە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. پائالىيەتتە ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىرلىكتە «قاتناش چىرىغى ناخشىسى» قاتارلىق ئۈرۈمچىلىكلەرگە تونۇش بىر قىسىم ناخشىلارنى ئېيتتى.  

    (جاڭ لىمىن فوتوسى)

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.