مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا 210 ئوقۇغۇچى ماھارەت كۆرسەتتى

    بۇئايشەم2017-09-13 10:58:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىللىق «شۈنفېي لوڭقىسى» ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر «قوش تىل» مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-سېنتەبىر باشلاندى. 15 ۋىلايەت-ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 210 نەپەر ماھىر بۇ مۇسابىقىدە «قوش تىل» ئۆگىنىشتىكى تالانتىنى نامايان قىلدى.

     بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى گۇرۇپپا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، 17-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.  

        ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك ئىناق-ئىجىل كەيپىياتى «قوش تىل» مائارىپىدا نامايان قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلدى. 2006-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون داۋاملىق تۈردە «قوش تىل» مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىرغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۆت تۈردە سەككىز نۆۋەت مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن.   

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.