مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    قوشماقلاشقان 100 تۇغقان قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلدى

    پەرغانە غوپۇر2017-09-13 10:44:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە دەرەخ پەرۋىش قىلىش تاختىسىنى قەدىمىي دەرەخكە ئاسماقتا.

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 12-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ-ئورمان ئىدارىسى) بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق چوڭ بازار مەھەللە ئاھاللە كومىتېتى بىرلىشىپ قارىلىغاچلىق سەيلىگاھىدا قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە، ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ-ئورمان ئىدارىسى)دىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى سودىگەرلەر بىرلىكتە قەدىمىي دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشقا ئەھدىلەشتى. شۇنىڭدەك ئۇلار قەدىمىي دەرەخلەرنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ ئوغۇتلاپ، قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى قەدىمىي دەرەخ يىلتىزى كەبى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا بەل باغلىدى.

    (سۇڭ جيەنخۇا، جاڭ لىمىن فوتوسى)

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.