مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكسەلدى

    مەۋلۇدە2017-09-12 11:31:47تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: يەنچېڭ شەھەرلىك شېنلۇڭ ئويۇنچۇق ياساش چەكلىك شىركىتى بىلەن دافېڭ رايونى ئىجادىي سانائەت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى 22-ئاۋغۇست چاپچال ناھىيەلىك يىنەن سانائەت رايونى بىلەن مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. ئىككى شىركەت بۇ رايونغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشتا 300 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

     يەنچېڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا 9–تۈركۈمدە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چاپچال ناھىيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسنى پۇختىلاش، سودىگەر چاقىرىش، ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت نىشانىنى تۇرغۇزۇپ، بۇ يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئېنىق بېكىتتى، بۇنىڭغا چېتىشلىق مەبلەغ 11 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە چاپچال ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، يىنەن سانائەت رايونىغا سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقاردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىش تەجرىبىسى مول كادىرلارنى تەشكىللەپ، سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى، يىنەن سانائەت رايونىدىكى ئالاقىدار خادىملارنى سودىگەر چاقىرىش كەسپىي ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلىدى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلاردىكى ئالاقىدار خادىملارنى سودىگەرلەرنى كۈتۈۋېلىش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سودىگەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە يېتەكلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.