مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 602-يول ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدە ۋاقتىنچە ئۆزگىرىش بولىدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-09-12 17:29:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 1-بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، يۆجىنگەي كوچىسىنىڭ شەرق-غەرب قوش يۆنىلىشلىك كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇش يولىدا پات ئارىدا يېپىق ھالەتتە قېزىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 602-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ لىنىيەسىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

     602-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى دۇڭدالياڭ كەنتىدىن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بېرىشتا ۋاقتىنچە ئالتۇن-كۈمۈش يولى، خەلق يولى، جەنۇبىي ئازادلىق يولىدا ماڭغاندىن كېيىن، ئەسلى لىنىيەگە كىرىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن دۇڭدالياڭغا بېرىشتا ۋاقتىنچە جەنۇبىي تىنچلىق يولى، شىمالىي تىنچلىق يولى، خەلق يولى، ئالتۇن-كۈمۈش يولى، يۆجىنگەي كوچىسى (شياۋدۇڭلياڭ بېكىتىدە كەينىگە بۇرۇلىدۇ) دا ماڭغاندىن كېيىن، ئەسلى لىنىيەگە كىرىدىكەن. لىنىيە تەڭشەلگەندىن كېيىن، تەنتەربىيە سارىيى بېكىتى (قوش يۆنىلىش)، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بېكىتى (قوش يۆنىلىش)، 7-ئوتتۇرا مەكتەپ بېكىتى (تاق يۆنىلىش)، ئاق قۇۋۇق بېكىتى (تاق يۆنىلىش) ۋاقتىنچە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاشلىق دۇكىنى بېكىتى ۋە شياۋدۇڭلياڭ بېكىتىدىن ئىبارەت ئىككى قوش يۆنىلىشلىك بېكەت ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

     مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن 602-يول لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.