مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ گاز توختايدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-09-12 12:45:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ ۋاقىتقا بۆلۈنگەن ئاساستا ئۈچ كۈن گاز توختايدۇ.

     مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق گاز تەمىنلەشنى توختىتىش خىزمىتى شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە يېقىلغۇ گاز ئابۇنىچىلىرىغا گاز يەتكۈزۈشكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئىكەن.

     گاز توختايدىغان كونكرېت بۆلەك رايون ۋە يول بۆلەكلىرى ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: 12-سېنتەبىر سائەت 23:00تىن 13-سېنتەبىر سائەت 08:00 گىچە بەخت يولى (داۋان يول ئېغىزىدىن مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگىچە)، بەخت يولى شىمالىي 3-كوچىسى، بەخت يولى شىمالىي 2-كوچىسىدا گاز توختايدۇ.

     13-سېنتەبىر سائەت 22:00 دىن 14-سېنتەبىر سائەت 08:00 گىچە جىنجۇ يولى (بېيجىڭ يولىدىن تيەنجىن يولىغىچە) دا گاز توختايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.