مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى مۇشۇ ھەپتىدە كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-09-12 12:15:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئۆز خەۋىرىمىز: بەرىكەتلىك ياز پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىسى كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

        مۇخبىرنىڭ 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئاساسەن بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا11~26 ئارلىقىدا بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى كۈز پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولغاچقا كىشىلەردە ياز پەسلىدەكلا تۇيغۇ بولغان. مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا20تىن تۆۋەن بولۇپ، مېتېئورولوگىيە نۇقتىسىدىكى كۈز ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.