مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    پىچان ناھىيەسىدە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا

    مەۋلۇدە2017-09-12 12:33:39تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىنى ياخشىلاش، پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

     پىچان ناھىيەسى بۇ يىل 1800 ئائىلىگە «ئەمىن ئۆي» سېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانىدى، سېنتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە ۋەزىپە %100 ئورۇندالدى. بۇ ناھىيە يەنە 212 قارار كۇرس ئېچىپ، دېھقانلارنى 100 مىڭ ئادەم/ قېتىمدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇش ۋە يىراق مۇساپىلىك تەربىيەلەش پونكىتلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئالاقىدار تارماقلار يەنە يېزا-بازار (مەيدان)لارنىڭ ئۆي، ھويلا-ئاران، ئاشخانىلىرى رەتلىك، پاكىز بولۇش، ھاجەتخانىسى ئۆلچەملىك بولۇش، ئېغىل-قوتانلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «بەشنى ياخشىلاش» ۋە ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەس قىلىش، ئورمان بەلباغلىرىنى تازىلاشتىن ئىبارەت «تۆتتە پاكىز بولۇش»نى تەلەپ قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ تەلەپكە لايىق ئىشلىنىشىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى. بۇ جەرياندا بۇ ناھىيە 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ تاغ جەنۇبىدىكى تۆت يېزا-بازارنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، 18 مىڭ 500 دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىنى پاكىز سۇ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 4 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 5000 غا يېقىن دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ مۇنچا، ھاجەتخانىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. دېھقانلارنىڭ پاتقاق گازىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆي بىلەن ئېغىل-قوتان ئارىلىقىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليون 580 مىڭ يۈەن ياردەم بەردى. 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 23 كەنت، مەھەللىنىڭ يولىنى قارامايلاشتۇردى. پىچان يېزىسى، لەمجىن بازىرى، باغۋەنچىلىك مەيدانى قاتارلىق يېزا-بازار، مەيدانلاردا 569 ئورۇنغا ئۆلچەملىك ئەخلەت ساندۇقى ئورناتتى. دۆڭبازار يېزىسى، چىقتىم بازىرىدىكى كەنت، مەھەللىلەرگە 236 كوچا چىرىغى ئورناتتى. لۈكچۈن ۋە پىچان بازىرىدىكى كەنت، مەھەللە يول بويلىرىغا 3211 تۈپ مەنزىرە دەرىخى تىكتى. بۇ ناھىيە يەنە يېزا-كەنتلەردە ئامما ئارىسىدىن مەخسۇس نازارەتچى تەكلىپ قىلىپ، مۇھىت تازىلىقىغا بولغان نازارەتچىلىك، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى، كۆكەرتىش، يېشىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھويلا-ئارانلاردا گۈل ئۆستۈرۈش، قورۇ ئەتراپىنى كۆكەرتىشنى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. پىچان ناھىيەسى بۇ يىل يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە يېزا-بازارلارنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.