مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    گۇگۇڭ مۇزېيىدا يىللىق چوڭ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا

    بۇئايشەم2017-09-12 11:30:47تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ مۇزېيىنىڭ 2017-يىللىق چوڭ كۆرگەزمىسى بولغان «مىڭ چاقىرىملىق تاغ-دەريالار __ تارىختىكى كۆك-يېشىل سىزمىلار ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» 15-سېنتەبىر ۋۇمېن كۆرگەزمە زالى ۋە شەرقىي، غەربىي يەنچى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرگەزمىدە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ شىمېڭنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق تاغ-دەريالار» ناملىق رەسىمى مەركەز قىلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى كۆك-يېشىل سىزمىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى سىستېمىلىق رەتلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە ئىككى قارارغا بۆلۈنگەن ئاساستا جەمئىي 86 يۈرۈش مەدەنىي يادىكارلىق كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، 30-ئۆكتەبىر كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئالماشتۇرۇلىدىكەن، كۆرگەزمە 14-دېكابىر ئاياغلىشىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.