مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    يوپۇغا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە «ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى

    مەۋلۇدە2017-09-12 11:26:06تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: يوپۇغا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى «قوش ئىلغار» لارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىدە 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ تەقدىرلەندى.

     يوپۇرغا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرىدا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش ۋە خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش سۇبيېكتى قىلىپ، خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش قەدىمىنى پائال تېزلەتتى. بۇ ناھىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 150 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلىپ، يېزا-بازار، كەنت، ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەيدانى، تۈرلۈك ئۈسكۈنە، ئەسلىھە شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ناھىيەدە جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى سېلىنغان بولۇپ، بۇ مەركەزدە 2016-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئوغلانلار» مىللىيچە چېلىشىش چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.