مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭدىكى 17 شەھەردە 18-سېتەبىر سائەت 12:00 دە ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىنىدۇ

    بۇئايشەم2017-09-12 09:56:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 11-سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى چاقىرغان 2017-يىللىق «18-سېنتەبىر» پۈتۈن شىنجاڭدا ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭدا 18-سېنتەبىر سائەت 12:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)دە ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىنىدىكەن.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قومۇل ئېۋىرغول رايونى، تۇرپان ئىدىقۇت رايونى، بورتالا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، سانجى شەھىرى، كۈيتۇن شەھىرى، شىخو شەھىرى قاتارلىق 17 نۇقتىلىق شەھەردە 18-سېنتەبىر ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىنىدىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، 2005-يىلى، شىنجاڭدا بىر تۇتاش ھاۋا گۈدۈكى چېلىش خىزمىتى باشلىنىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردە گۈدۈك چېلىش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %95 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.