مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    خوتەندە دېھقانلار ئىلمىي كۆكتاتچىلىق قىلىپ بېيىشقا ئاتلاندى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-09-10 13:45:18شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹ئوخشاش پارنىكقا تېرىغان كۆكتاتنى ئۇستام 5000 يۈەنلىك، مەن 3000 يۈەنلىك ساتتۇق، مەسىلە زادى نەدە؟›› 49 ياشلىق ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز پارنىكىدا ئۇزاق ئويلاندى.

     ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز كۆكتات ئۆستۈرۈۋاتقان 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەۋپ تۇيغۇسىغا چۆمدى. ئۇ كەنتتىكى ئەر – ئايال، قېرى – ياشنىڭ ‹‹كاللىسىنى ئىشلىتىپ›› خەنزۇ تىلى ۋە ماھارەت ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، بىخودلۇق قىلىپ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.

     خوتەن شەھەر رايونىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىلچى يېزىسىنىڭ تۆۋەن ئارال كەنتى تىپىك شەھەر – يېزا تۇتاشقان يەردە بولۇپ، كۆچمە ئاھالە كۆپ ئىدى. ئەخمەتتوختى قۇرباننىيازنىڭ ‹‹ئۇستازى›› گاۋ فېڭتاۋ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن كېيىن شەندۇڭدىن بۇ يەرگە كېلىپ كۆكتات تېرىشنى باشلىغان بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بازار تەپەككۇرىنى بۇ كەنتكە ئېلىپ كىرگەن باشلامچىلارنىڭ بىرى.

     ئامما قۇملۇقنىڭ چېتىدە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، كۆكتات ئۆستۈرۈشكە ماھىر ئەمەس ئىدى، قىشتىمۇ كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلاتتى، – دېدى گاۋ فېڭتاۋ. ئۇ پۈتۈن مەبلىغىنى كۆكتات پارنىكىغا سالدى. زىمىستان قىشتا پەسىلسىز كۆكتاتلارنى شەھەر ئاھالىلىرى ‹‹بىردەمدىلا تالاپ كەتتى››، كۈدىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى بەش يۈەندىن، مۇچنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 30 يۈەندىن ساتقان گاۋ فېڭتاۋ تۇنجى ئېيى 1600 يۈەن كىرىم قىلدى، بۇ شۇ جايدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر ئىدى.

     تۇپراقنى مۇۋاپىق ياخشىلاپ، سۇ باشلاپ سۇغۇرسىلا، ھاۋاسى قۇرغاق، تېرىلغۇ يېرى ئاز خوتەندىمۇ كەڭ كۆلەمدە كۆكتات ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ پەسىلسىز كۆكتات تېرىپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندە كۆكتات كىرىمىنى بىر قاتلىغىلى بولىدىغىنىنى تېخىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى.

     كۆكتات سورتى تاللاش، كۆكتات مايسىسى ئۆستۈرۈش، ئۇستىلار يېتەكلەش ئارقىلىق قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا كەنتتىكى ئون نەچچە ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان ‹‹كۆكتاتچى››غا ئايلاندى، سۆكەدۆڭ كۆكتاتلىقى، ياربۇلاق كۆكتاتلىقى بارا – بارا كۆلەملەشتى. ھەر يىلى قىشتا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كۆكتاتچى سودىگەرلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ كېلىپ، بىر قېتىمدىلا 1000 توننىغا يېقىن كۆكتات يۆتكەيدىغان بولدى.

     باشقا يەرلىك ئۇستىلار بۇ جايغا كېلىپ شاگىرت تەربىيەلىسە يېڭىش ئەڭ تەس بولغىنى تىل ئۆتكىلى، تېخنىكا ئۆتكىلى بولاتتى. گاۋ فېڭتاۋ مۇنداق دېدى: ئىلمىي كۆكتات ئۆستۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا مايسا پەرۋىشى، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كەسپىي مەسىلىلەرگە ئايلىنىدۇ، تۇپراق ئوخشاش، كۆكتات يېرى ئوخشاش تۇرۇقلۇق، شاگىرتىم ماڭا يېتىشەلمىسە، ھەممىنى باشتىن باشلىماي ئامال يوق.

     تۆۋەن ئارال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› بۇ يىل 2 – ئايدا ‹‹كەنت دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش پىلانى››غا بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەرنى زامانىۋى مەدەنىيەت ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. كەنتنىڭ 1 – شۇجىسى ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: مېڭىنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئاندىن يانچۇقنى تومپايتقىلى بولىدۇ.

     ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز كۆكتات ئۆستۈرۈشتىن سىرت، خەنزۇ تىلى ئۆگەندى. ئۇ دادىسى بىلەن بىللە، بۇ يىل 19 مو كۆكتات پارنىكىنى ھۆددىگە ئالدى، ھۆددىگە ئالغان پارنىكى ئۇستىسى گاۋ فېڭتاۋنىڭكىدىن تۆتى ئارتۇق ئىدى.

     ‹‹كۆكتات قۇشى›› ئۇچۇشقا ئاتلاندى، يۇمران مۇچ، پېدىگەن مايسىلىرى يېڭىدىن يوپۇرماق چىقاردى، ئەخمەتتوختى قۇرباننىياز دادىسى بىلەن بىللە، يازنىڭ بالدۇرراق ئۇزاپ، پارنىك كۆكتاتلىرىدىن ھوسۇل ئالىدىغان قىشنىڭ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.