مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    كۆك ئاسماندىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-09-10 13:38:07شىنجاڭ گېزىتى

      ــ ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش – تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا

    مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن

       ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 69 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %31تىن كۆپ سانائەت كارخانىسى بۇ يەرگە مەركەزلەشكەن، بۇ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %45ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى %62تىن كۆپ كۆمۈر مۇشۇ رايوندا سەرپىيات قىلىنىدۇ، بۇ رايوندا قويۇپ بېرىلگەن چاڭ – توزان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە قويۇپ بېرىلگەن چاڭ – توزاننىڭ %25ىنى، گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى %38.4نى، ئازوت ئوكسىدى %45.3نى ئىگىلەيدۇ. ‹‹13 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى ۋە ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىلىش مىقدارىنى %3 ئازايتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئورتاق تۈزەش جەھەتتە ‹‹ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، ۋۇجياچۈ رايونلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەسۇرانە ئىلگىرىلىدى.

     

       ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

        ئۈرۈمچى شەھىرى 2012 – يىلىدىن باشلاپ ‹‹كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىشنى گاز بىلەن ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىش›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھازىر شەھەر رايونىدىكى تونناژدىن يۇقىرى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن چېقىلىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايلار ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا ئاھالىلەر ئۆزلىرى ئىسسىتىدىغان كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئەسلىھەلەر تېخىچە بار، ھېچقانداق گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش، چاڭ – توزان تازىلاش ئۈسكۈنىسى بولمىغاچقا، كۆمۈر بىۋاسىتە كۆيدۈرۈلگەنلىكتىن، بىر قەدەر ئېغىر بولغان بۇلغىما چىقىرىش مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە.

        ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش – بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار››دا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹ئېلېكتىرلەشتۈرۈش››كە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىدۇ، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى %2.09 تۆۋەنلىتىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىيات مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن كۆرسەتكۈچ دائىرىسىدە تىزگىنلىنىلىدۇ.

        ئۇقۇشىمچە، 2017 – يىلى ئۈرۈمچى 30 مىڭ كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازاننى چېقىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ 17 مىڭ 200 پار قازىنىنى پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە كەپىلىك مەھەللىدىكى 12 مىڭ 800 پار قازىنىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چېقىش – ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، قىشتا 183 مىڭ توننا كۆمۈر سەرپىيات مىقدارىنى ئازايتىش، 2900 توننا گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدى، 7300 توننا چاڭ – توزاننى ئاز قويۇپ بېرىش مۆلچەرلەندى.

        ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازاننى چېقىش داۋاملاشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىمۇ ‹‹سانجىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

        7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سانجى شەھەرلىك 9 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇش بىناسىدا سانجى ‹‹ئەنزې›› ئىسسىقلىق تارقىتىش كابېلى باش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى دېڭ خۇڭيىڭ خەرىتىنى كۆتۈرگىنىچە، ئىشچىلار يېيىتىۋاتقان ئىسسىقلىق تارقىتىش كابېلىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. يەر يۈزىدە ئەگرى – بۈگرى يېيىلغان كۆك رەڭلىك كابېل سىمى ئۇنىڭ كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى نەتىجىسىدە يەكۈنلەنگەن ئېنېرگىيەنى ئەڭ تېجەيدىغان پارامېتىر تەڭشەش نىسبىتى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى يېشىل مۇھىت ئاسراش ئارزۇسى ئىدى.

        دېڭ خۇڭيىڭ: ئەنئەنىۋى پار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، توك ئارقىلىق ئىسسىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، بۇنىڭدا ئېنېرگىيەنى ئەڭ تېجەيدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەمنى ئەڭ راھەت تۇيغۇغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئىسسىقلىق تارقىتىش كابېلى ئارقىلىق ئىسسىتىش سىستېمىسىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى قوغداش ئۈسكۈنىسى بار بولۇپ، ئىشلەتمىگەندە ئېتىۋەتكىلى ياكى تېمپېراتۇرا تىزگىنلىگۈچ بىلەن پىروگرامما تۈزۈپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەشغۇلاتىغا تەڭشىگىلى، يەنە ھۇجرىغا بۆلۈپ ئورنىتىش – تىزگىنلەشكە، گىرەلەشتۈرۈپ ئېچىشقا بولىدۇ، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان تېمپېراتۇرىغا تەڭشەشكە، شۇنداقلا يىراقتىن تىزگىنلەشكە بولىدۇ، باشقۇرۇش ئىنتايىن قولايلىق، دېدى.

        ئۇقۇشىمچە، 2017 – يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدىن 75 نى رەتلەپ، 8 مىليارد 660 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، 2017 – يىلى 3 مىليارد 920 مىليون يۈەن سېلىنمىنى ئورۇنداش ھەم ‹‹سانجىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› ئۈلگە تۈرىنى ئالاھىدە بەرپا قىلىشنى پىلانلىغان.

        كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى كارخانىلارنى بۇلغىنىشنى تۈزەشكە مەجبۇرلىدى

        دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش سىياسەت – بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن: غەربىي قىسىم رايونى 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 300 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى جامائەت كۆمۈر يېقىلغۇ گېنېراتورىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تاماملايدۇ.

        تەڭرىتاغ ئاليومىنچىلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەشغۇلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ ۋېي: ئېلېكتىر ئىستانسىمىز ئىلغار مۇھىت ئاسراش ئۈسكۈنىلىرىنى تاللاپ، ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ئىلغار تېخنولوگىيەنى قوللىنىپ، گېنېراتورلارنى 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى، ئايرىم كۆرسەتكۈچلىرى ھەتتا دۆلەت ئۆلچىمىدىنمۇ تۆۋەن بولدى، دېدى.

        تەڭرىتاغ ئاليومىنچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش لىدىرى جاۋ چىڭيۈن: 2016 – يىلى 7 – ئايدىن ھازىرغىچە شىركىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى 300 مىليون يۈەنگە يەتتى، دېدى.

        ‹‹خۇاديەن›› شىنجاڭ ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى سانجى ‹‹جىرې›› ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاڭ تازىلىغۇچلارنىڭ ئىش مەيدانىغا رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈش مۇنارىنىڭ ئاستىدا ئىشچىلارنىڭ پولات تۇرۇبا ۋە تاختايلاردىن جازا ياساۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

        ‹‹ئېلېكتىر ئىستانسىمىز جايلاشقان بىڭخۇ بازىرى سانجىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشى قوغداش تولىمۇ مۇھىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكتىر ئىستانسىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراشقا سالغان سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. زاپاس كۆمۈر مىقدارى 200 مىڭ توننىلىق پۈتۈن يېپىق كۆمۈر لاپىسىنى لايىھەلەپ، ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى ۋە تۇمانلاشتۇرۇپ چاڭ – توزان بېسىش ئەسلىھەلىرىنى يانداش سەپلەپ، مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قاتتىق دانچە ۋە كۆمۈر توزانى بۇلغىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇق››، دېدى ئىشلەپچىقىرىش – تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ فېڭ.

        يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئايلانما ئىقتىسادقا ياردەم بېرىلىپ، ‹‹تاشلاندۇق››لار گۆھەرگە ئايلاندۇرۇلدى

        7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ماناس ‹‹ئاۋياڭ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شۈن: شىنجاڭغا كىرگەن تۇنجى پاختا بوتقىسى قەغىزى، ۋىسكوزا تالا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان ‹‹مولېكۇلا تۇتۇش ۋە پارچىلاش›› پاتېنت تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، كېرەكسىز گازنى زور دەرىجىدە تىزگىنلىدۇق، بىز شىنجاڭنىڭ پاختا بوتقىسى قەغىزى ساھەسىدە بۇ تېخنىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان تۇنجى كارخانا، بۇ نەتىجە مەملىكەت بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دېدى.

        ئۇقۇشىمچە، بۇ كارخانا 2013 – يىلىدىن باشلاپ ئۆلچەم ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى بىر يىلدا بىر پەللىگە چىقىرىپ، 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يىغىش، ھىم ئېتىپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويغان، ھازىر يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈنلەي يىغىۋېلىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹تاشلاندۇق››لار گۆھەرگە ئايلاندۇرۇلغان؛ تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى تەشكىلسىز قويۇپ بېرىش تەشكىللىك بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، ‹‹بەتبۇي بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى (93–GB14554)›› ئىشقا ئاشۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە زاۋۇتتا كاربون (IV) سۇلفىد ۋە ھىدروگېن سۇلفىدنىڭ پۇرىقى بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹بەتبۇي بۇلغىمىنىڭ ئاھالىگە تەسىر كۆرسىتىش›› مەسىلىسى تەلتۆكۈس ھەل قىلىنغان.

        ‹‹تيەنۋېي›› سېمونت چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدا تامنى چۆرىدەپ بۇلۇق ئۆسكەن ئۈزۈم بارىڭى مېۋىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى يېشىللىق كىشىگە تولىمۇ ئارامبەخش تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. پۈتۈن يېپىق ھالەتتىكى ھەيۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بولمىسا، بۇ يەرنى ھېچكىممۇ سېمونت زاۋۇتى دەپ ئويلىمايتتى.

        ‹‹بۇ زاۋۇتنىڭ ئۆزىلا بىر چوڭ مۇھىت ئاسراش سېخى ھېسابلىنىدۇ. بىز سانائەت قالدۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ سېمونت ئىشلەپچىقىرىمىز. بىز يېڭىچە قۇرۇتۇش ئۇسۇلى (تۇرۇبا شەكىللىك پارچىلاش ئوچىقى ۋە بەش دەرىجىلىك قۇيۇندا ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى تېخنىكىسى)نى قوللىنىش ئارقىلىق سانائەت قالدۇقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىمىز، كۈندە خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، گۈڭگۈرت كىسلاتاسى زاۋۇتى، پولات زاۋۇتى، مىس زاۋۇتى قاتارلىق يۇقىرى ئېقىن كارخانىلىرىنىڭ سانائەت قالدۇقلىرىدىن 10 مىڭ توننىدىن كۆپ سەرپىيات قىلىمىز. ئەگەر بۇلارنى قايتا ئىشلەپچىقارمايدىغان بولساق، تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ھازىر خام ئەشيا قالدۇقىدىن %100 پايدىلىنالايمىز، بۇنىڭدا ھەم مۇھىتنى ئاسرىغىلى، ھەم سانائەت تاشلاندۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ››، دېدى ‹‹تيەنيې›› گۇرۇھىنىڭ سېمونت كەسپى باش دىرېكتورى ياڭ جۇڭ.

        سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار بىراك قىلىنىپ، يېشىل ئاممىۋى قاتناش ئىلگىرى سۈرۈلدى

        بىڭتۈەن 8 – شىسى شىخەنزە شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جىفېڭ: 2015 – يىلىدىن باشلاپ شىخەنزە شەھىرى ئورتاق ۋېلىسىپىت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان 10 تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتىپ، 9 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر رايونىدىكى ئاساسىي يول بۆلەكلىرى ۋە ئادەملەر زىچ توپلانغان رايونلارنى قاپلىغان ئورتاق ۋېلىسىپىت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، ئورتاق ۋېلىسىپىت يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى ئەقلىي باشقۇرۇش، ۋېلىسىپىت ئارىيەت ئېلىش ۋە قايتۇرۇشتا كارتا سىيرىش، سىستېما تور نۇقتىسىدا 24 سائەت ئارىيەت ئېلىش – قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسىنى ئەلا، قولاي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مۇھىت ئاسرايدىغان، بىخەتەر يول يۈرۈش نىشانى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى، دېدى.

        ‹‹بىز يېشىل يول يۈرۈشنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر ئايدا بىر كۈننى ئاپتوموبىلسىز كۈن قىلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. شىخەنزىدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان كېرەكسىز گازنى تەكشۈرىدىغان 17 لىنىيەلىك 5 ئورگان قۇرۇلدى، 2017 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان كېرەكسىز گازنىڭ مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشى بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەكشۈرۈشى(يىللىق تەكشۈرۈش) تەڭ قەدەملەشتۈرۈلدى. رايون سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 40 كىلومېتىر يول يۈرۈشتىن سائىتىگە 60 كىلومېتىر يول يۈرىدىغان تېجەشلىك سۈرئەتكە ئۆزگەرتىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى ئازايتىلدى››، دېدى 8 – شى شىخەنزە شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما ۋېي.

        سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىلدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما مىقدارى بىر يېشىل بەلگىلىك ئاپتوموبىلنىڭكىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن 28 ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىدىكەن. %10لىك ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىلنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدىكەن.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى 2011 – يىلىلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش بەلگىسىنى تۈرلەر بويىچە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويدى. 2013 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شەھەر رايونىدا مېڭىشىنى چەكلىدى. 2015 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنى ئۈچ ئايدا بىر قېتىم مۇھىت ئاسراش بويىچە تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 40 مىڭدىن كۆپ سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل بىراك قىلىندى.

        بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى ۋە سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى چەكلەندى، شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا شەھەردىكى بارلىق سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش پىلانلاندى. 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ دۆلەتلىك 4 – دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللارنى كىرگۈزۈش قەتئىي چەكلىنىپ، ماي مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىپ، شەھەر بويىچە ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان ماي مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى.

        ئۇقۇشىمچە، سانجى شەھىرىدە 2015 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار ۋە بەلگىسىز ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلەش تەدبىرى ئىجرا قىلىنغان. 2016 – يىلى سانجى شەھىرى سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار ۋە كونا ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىشنى تېزلەتكەن، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ، سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتكە تارتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۈندىدار جامائەت نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، يول يۈرۈش چەكلەنگەن رايونغا كىرگەن سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىللار ۋە مۇھىت ئاسراش بەلگىسى يوق ئاپتوموبىللارنى ئاشكارىلىغان ۋە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان.

        ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ‹‹ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى››دۇر، ھاۋا بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىمىزدىكى زۆرۈر ‹‹ھاياتلىق گازى››، كۆك ئاسماندىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى – سانجى – شىخەنزە رايونلىرى قول تۇتۇشۇپ، تەڭ ھەرىكەتلىنىپ، ئورتاق مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش سەپىرىگە ئاتلاندى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.