مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلدى

    ئامانگۈل2017-09-08 11:22:48شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇخېلىل ئابلا

     يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى شىنجاڭغا كەلگەن يېڭى پۇرسەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى. ‹‹دۆلەت كاپىتالى، كوللېكتىپ كاپىتال، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتال، ئۆزئارا قوشۇلغان ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى›› ئېلىمىزنىڭ كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بۇ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ فۇنكسىيەسىنى زورايتىش، قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش، رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)دا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلگەنىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يەنە يەرلىكنىڭ پاي قوشۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادنىڭ ئالاھىدە تىجارەت ساھەلىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرى شېرىكلىشىش ياكى ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

     2016 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 39 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2015 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %.5 22 يۇقىرى بولغان. باشقا ئۆلكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇندا بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقى چوڭراق. ئاپتونوم رايونىمىزدا مەركەز مەبلەغ سالغان 54 كارخانا ئىچىدە ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، نېفىت – خىمىيە سانائىتى ۋە كۆمۈرچىلىك كەسپى ئومۇمىي سانائەت مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىگىلىكى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا نېفىت، نېفىت – خىمىيەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرىراق. ئەمما تارىخىي ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نېفىت – خىمىيە سانائىتى ۋە يەرلىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى نىسبەتەن ئاز.

     بۇ يىلنىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ مەركەز كارخانىلىرى، يەرلىكتىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرى يىغىنىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: تۈرلۈك ئىسلاھات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتە چوقۇم مۇھىم ساھە ۋە مۇھىم ھالقىلاردا تېزدىن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىللىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، شۇنداقلا تىزىملاش دەپتىرى، يىللىق نىشان ۋە ۋەزىپىلەر، مەسئۇل رەھبەرلىك ۋە باشقارما، ئىشخانا ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پەسىل بويىچە ئىلگىرىلەش جەريانى تەتۈر ساناق ئارقىلىق تۈزۈلۈپ، كونكرېت ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ھازىرغا قەدەر تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانا ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىپ، تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش، مېخانىزمنى ئۆزگەرتىش، شەكىلنى ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگىلى بولىدىغان، پايدىلانغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى ئىمكانقەدەر تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي بازار سۇبيېكتىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.