مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    باھا ئىسلاھاتىدا بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ

    ئامانگۈل2017-09-08 11:22:47شىنجاڭ گېزىتى

    لىن خويەن

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئاساسەن مۇقىم بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، باھا ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. باھا ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە بىر تەرەپتىن، باھانى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، باھا باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئىلمىيلىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت ئىسلاھاتنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى.

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز ھۆكۈمەت باھا بېكىتىدىغان دائىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتقان، باھانىڭ بازارلىشىش سەۋىيەسى %97تىن ئاشقان، بۇنىڭدىن باھا ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

     دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە باھاسى قويۇۋېتىلمىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت %3كە يەتمىسىمۇ، ئەمما مۇشۇ دائىرە باھا ئىسلاھاتىدا ئەڭ قىيىن خىزمەت ھېسابلىنىدۇ. باھا ئىسلاھاتىدا ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىلىلەر كۆپرەك بولۇپ، بۇ خىزمەتتە بوشىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئاساسەن مۇقىم بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، باھا ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بىر تەرەپتىن، ئەركىن بازاردا شەكىللەندۈرەلەيدىغان باھانى ئەڭ زور چەكتە قويۇۋېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشىنى ئازايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بايلىق، ئېنېرگىيە، داۋالاش، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ تەمىنلەش – تەلەپ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە باھانى ئۆزگىرىشچان تەڭشەش مېخانىزمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ باھا ئىسلاھاتىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ بولدى، بازارنىڭ باھانى بەلگىلەش مېخانىزمى ئاساسەن شەكىللەندى، بازار يۆنىلىشىدىن توغرا سىگنال بېرىلىپ رىقابەتنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بازارنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرىلىدى.

     كۆپ قىسىم تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى تاماملانغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم ساھەلەردە ئىسلاھاتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. مەسىلەن: توك، تەبىئىي گاز، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە باھا ئىسلاھاتى تېخى تولۇق تاماملانمىدى، داۋالاش مۇلازىمىتى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئاممىۋى ساھەلەردىكى ئىسلاھات خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك، سۇ، تەبىئىي گازغا قارىتا پەلەمپەيسىمان باھا بېكىتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەر تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك. ھۆكۈمەت كاپىتالى بىلەن جەمئىيەت مەبلىغى ھەمكارلاشقان ساھەلەرنىڭ باھا ئىسلاھاتى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە ئالاقىدار باھا سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.

     بۇ ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتى ھەمىشە چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا ساقلانغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئىسلاھات جەريانىدا يولۇققان ئەھۋال ۋە مەسىلىلەر ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ. بۇ ساھەدىكى ئىسلاھات يەنە كۆپلىگەن تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە، بولۇپمۇ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. ئىسلاھات جەريانىدا باھانى قويۇۋېتىپ داۋالغۇش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا يەنە يېڭىدىن تۈزۈلگەن باھانى تەڭشەش، كونترول قىلىش، نازارەت قىلىش چارىسى ۋە قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلايدۇ. بىر قىسىم جايلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ.

     دەل مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، %3كىمۇ يەتمەيدىغان ئاشۇ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسى ئىسلاھات جەريانىدىكى ئەڭ قىيىن نۇقتا بولۇپ قالغان. باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت چېكى، يول خەرىتىسى، مەسئۇل كىشى قاتارلىقلارنى ئېنىق بېكىتىش، ئىجادچانلىق بىلەن ئىزدىنىش، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش، قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، سىياسەت چىقىرىشتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نىمۇ پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

     باھا ئىسلاھاتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرگىزمۇ ھۆكۈمەتنىڭ پەقەتلا ئاشۇ %3كە يەتمەيدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارغا قويۇۋېتىلگەن باشقا تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى باشقۇرمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. باھا قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ھۆكۈمەت يەنىلا نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن، باھانى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ باھا باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش ۋە ئاشكارىلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھۆكۈمەت باھاسىنى بېكىتىدىغان تۈرلەردە قانۇن بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىشىنى قاتتىق ئۆلچەملەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنىڭ ئىنچىكە، توغرا، دەل جايىدا بولۇشىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ تىجارەتچىلەر ئۆزى باھا بېكىتىدىغان ساھەلەرگە قارىتا قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، رىقابەتنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، زامانىۋى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، ‹‹ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش››تىن ئىبارەت ئىسلاھاتنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، باھاغا ئائىت تەدبىر بەلگىلەشتىكى مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى، تەننەرخ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى، باھانى ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى، باھا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.