مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياسىلىدۇ

    بۇئايشەم2017-09-07 15:10:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شەھەر ئىستېمال سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 6-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى غەربىي ۋوگزال بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۆمۈريول غەربىي باغچىسىدا 10 دىن ئارتۇق ئىشچى قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە خىزمەتچى پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچەۋاتاتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بۇ يىل تەۋەلىكىدە 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياساشنى پىلانلىغان.

        قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۆمۈريول غەربىي باغچىسى پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.8 كىلومېتىر بولۇپ، باغچىدىكى ئايلانما شەكىللىك پىيادىلەر يولى ئىكەن. ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى چوڭ - كىچىك يېشىل جىلغا، خېلەن تېغى قاتارلىق جايلاردا 26.6 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا پىيادىلەر يولى ياساشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل 20 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ 11.4 كىلومېتىر ئۇزۇقلۇقتا پىيادىلەر يولى ياسايدىكەن. يىل ئاخىرىغىچە، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 38 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. قۇرۇلۇش 20-سېنتەبىر تاماملىنىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.