مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان بىلەن كۆرۈشتى

    ئامانگۈل2017-09-07 11:01:51شىنجاڭ گېزىتى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 9–ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان بىلەن كۆرۈشتى.

     چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن راھماننى قارشى ئالدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان يېقىن دوست، قوشنا ۋە يۈكسەك ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ، ئۆزئارا قوللايدىغان، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان باشتىن–ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو–تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.بۇ قېتىملىق زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت رەھبىرى جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى بىردەك قارار قىلدى، بۇ جۇڭگو–تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدۇ. چېن چۈەنگو يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ–دەريالىرى تۇتاش، مەدەنىيىتى يېقىن، جۇڭگو شىنجاڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا باشتىن–ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتىدە تاجىكىستان بىلەن قوشنا بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ راھمان جانابلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئورتاق تونۇشلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاجىكىستان بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىك قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

     راھمان جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا–سانائەت مۇنبىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9–قېتىملىق ئۇچرىشىشى، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاجىكىستاننىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 25 يىلدىن بۇيان تاجىكىستان–جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دوستانە ۋە چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى بىردەك قارار قىلدۇق.راھمان يەنە مۇنداق دېدى: تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد–سودا ئالاقىسى قويۇق، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولدۇق، بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ئىشتىراك قىلىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، پەن–تېخنىكا ۋە ئۇل ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدايمىز.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، جۇڭگونىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۆ بىن، تاجىكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسلوۋ سىراجىدىن، زۇڭتۇڭ راھماننىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى ياردەمچىسى شەرىف ئەزىز مارشال، تاجىكىستان سېلىنما ۋە دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى چاھېرزودا فايزدىن، تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۆۋلەتزودا پاۋىز كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.