مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى يەتتە ئايدا نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 229 مىليارد 883 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

    ئامانگۈل2017-09-06 17:39:55شىنجاڭ گېزىتى

    بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى

      شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 229 مىليارد 883 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 450 مىليارد يۈەنلىك يىللىق نىشان – ۋەزىپىنىڭ %51.1ى ئورۇندالغان. نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

     ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا 125 نۇقتىلىق تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 73 تۈر كۆپىيىپ، بۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن ئىش باشلاش پىلانلانغان 130 تۈرنىڭ %96.2ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە 99 مىليارد 771 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %94.1ى ئورۇندالدى. يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىگە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنىڭ %90ى ئورۇندىلىپ، 9 – ئايدا ئوقۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا ئاساس سېلىندى. 2017 – يىللىق باشقا جايغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى مەبلىغى تولۇق ئەمەلىيلىشىپ، سېلىنىۋاتقان ئۆي 13 مىڭ 822 يۈرۈشكە، پۈتكىنى 4782 يۈرۈشكە يەتتى. نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىگە 64 مىليارد 552 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %45ىدىن كۆپرەكى ئورۇندالدى. يەكەن ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، چاقىلىق ئايرودۇرۇمى، كورلا ئايرودۇرۇمى قاتارلىق داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تاماملىنىشىغا ئاساس سېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، چۆچەك ئايرودۇرۇمى ۋە ئالتاي ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرلىرىدە ئۇچۇش يولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، 10 – ئايدىن بۇرۇن ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش – كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق يېڭىدىن ئىش باشلانغان 11 تۈردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تاشقورغان ئايرودۇرۇمى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئىچىدە ئىش باشلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.