مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئاقسۇ ۋىلايىتى 17 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ جەلپ قىلدى

    ئامانگۈل2017-09-06 17:37:18شىنجاڭ گېزىتى

     ئەنۋەرجان ئابدۇۋاھىتنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدا سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 258نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 17 مىليارد 927 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئاشقان.

     شايار ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى بىلەن شايار ‹‹گۇاڭشېڭ›› رەختچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېقىندا يىلىغا 60 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ۋە 20 مىليون مېتىر رەخت توقۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تۈرگە 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ تۈر پۈتسە شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى 500 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     ئاقسۇ شەھىرى بىلەن شەندۇڭ ‹‹خېڭرۈي لۈنتەي›› چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ يېقىندا بالون ئىشلەپچىقىرىش تۈر كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاقسۇ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئاپتوموبىل بالونى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ تۈر كېلەر يىلى 7 – ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. بۇ تۈر پۈتسە يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ بالون ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، پايدا بېجى 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىن 1000 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ماكانلىشىشى ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بالون ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ.

     ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە تۇراقلىق مۈلۈككە 100 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش نىشان – ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش، 3 – كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش›› تەلىپى بويىچە نۇقتىلىق كەسىپلەرگە سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرىگە سودىگەر چاقىرىش، يەرمەنكە ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش، سودا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنىڭ تېز ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.