مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئۈچ يىللىق باھا ئىسلاھاتىدىكى ئۆزگىرىش

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:44:07شىنجاڭ گېزىتى

    __ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا نىشان باھا ئىسلاھاتى پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈردى

    ليۇ يى

     2017 – يىللىق پاختىچىلىققا نەزەر مۇنبىرى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىللىق پاختىچىلىققا نەزەر مۇنبىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ يىللىق پاختا نىشان باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىش پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مۇنبەردە مۇتەخەسسىسلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا سۈپىتى ۋە رىقابىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۈش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىللە، كىشىلەرگە يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان پاختىچىلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.

     پاختا نىشان باھاسى ئىسلاھاتى بازار باھاسى نىشان باھادىن تۆۋەن بولغاندا، دۆلەت نىشان باھاسى بىلەن بازار باھاسىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىشنى، بازار باھاسى نىشان باھادىن يۇقىرى بولغاندا تولۇقلىما بەرمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق تولۇقلىما بېرىش شەكلى ئارقىلىق ھەم پاختا باھاسىنى بازار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، تۆۋەن ئېقىندىكى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ پاختىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى ھەم دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.