مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:01:02شىنجاڭ گېزىتى

     چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلغاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

     مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك

     
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 8–ئاينىڭ 29–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدىكى باجياخۇ سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىدىن رازى بولغان–بولمىغانلىقى، تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يەنە قانداق تەكلىپ–تەلەپلىرى بارلىقىنى سورىدى.

      شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 8–ئاينىڭ 29–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىدىكى باجياخۇ سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنە بىر بالداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      باجياخۇ سۇ ئامبىرى 20–ئەسىرنىڭ 50–يىللىرىدا ياسالغان بولۇپ، شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا تەۋە بولغان، سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن 2 كۆلچەكلا قالغان.

      كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى ئەسلىھەسى مۇكەممەل بولمىغاچقا، تۇرمۇشتىن چىققان پاسكىنا سۇ خالىغانچە قويۇپ بېرىلگەن، بۇنىڭ بىلەن كۆلچەكتىكى سۇنىڭ سۈپىتى ناچارلىشىپ، غەيرىي پۇراق چىقىپ، پاشا قاپلاپ كەتكەن.

      مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن باجياخۇ سۇ ئامبىرىنىڭ بۇلغانغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلە تاپشۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە دەرھال تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلاردىن تۈزىتىش خىزمىتىنى پائال، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىت مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بۇلاقتاغ رايونى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن پىكىر ئېلىپ، لايىھە تۈزۈپ، دەرھال تۈزەپ، سۇ يۈزى ۋە ئەتراپتىكى ئەخلەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تازىلاپ، كۆلچەكتىكى پاسكىنا سۇنى تارتىپ چىقىرىپ، قەرەللىك دورا چېچىپ پاشىلارنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرنىڭ يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش ئاساسىدا، كۆلچەكنى تىندۇرۇش ۋە كۆكەرتىپ باغۋارانلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

      8–ئاينىڭ 29–كۈنى سائەت 17دىن ئاشقاندا، چېن چۈەنگو ئالايىتەن باجياخۇ سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، تۈزىتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى. چېن چۈەنگو بۇلغىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى، تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋە يىرىك پىلاننى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پاسكىنا سۇ كۆلچىكى 15 كۈن ئىچىدە تىندۇرۇلۇپ، 11–ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كۆكەرتىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى ئارام ئېلىش مەيدانى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تۈزىتىش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

      ئەتراپتىكى ئاھالىلەر مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلار پات–پات نەق مەيدانغا كېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆردى. چېن چۈەنگو ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىش خىزمىتىدىن رازى بولغان–بولمىغانلىقى، تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا يەنە قانداق تەكلىپ–تەلەپلىرى بارلىقىنى سورىدى. ئاھالىلەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېيىشتى: تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، لايىھەنى تۈزگەندىمۇ بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئالدى، پات ئارىدا بۇ جاي گۈزەل باغچىگە ئايلىنىدۇ، ھەممەيلەن بۇنىڭغا ناھايىتى ئىنتىزار بولۇۋاتىمىز.

      چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاممىنىڭ رازى بولۇش–بولماسلىقىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

      چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىز ئارقىلىق مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال تەكشۈرۈپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، مەسىلىلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە، ھەممىسىدە نەتىجە قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېكولوگىيە ئېڭى، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ‹‹يۇقىرى بېسىملىق لىنىيە›› ھاسىل قىلىپ ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي چېكى، مۇھىت سۈپىتى بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى، تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ چەك››نى قاتتىق ساقلاپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى مەركەز قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ پائالىيەتتە بىللە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.