مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    ئىناۋەت تور ئارقىلىق سودىلىشىشتىكى ئورتاق مەنپەئەتنىڭ ئاساسى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:46:30شىنجاڭ گېزىتى

    لۇ شاۋشۈن

     نىمكەش بۇيۇملار سودىسى سودىگەرلەرنىڭ پايدا يارىتىشتىكى يېڭى بىر بوشلۇقىغا ئايلاندى. ئالاقە تورى ئارقىلىق سودىلىشىشتا چوقۇم سەمىمىي، ئادىل بولۇشتىن ئىبارەت سودا ئەخلاقىنى ئالدىن تەكىتلەش كېرەك.

     يېقىندا ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ساختا مال سېتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتىدە زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى بىر – بىرىگە ئورا كولاش... قاتارلىق نىمكەش بۇيۇملار سودا سۇپىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغانلىقتىن، سۇپا باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تور سودا مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش سادالىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

     نىمكەش بۇيۇملار سودىسىنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ، بۇ سودا بىكار تۇرۇپ قالغان بۇيۇملارنىڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن شەكىللەنگەن.

     ئەنئەنىۋى كونا ماللار بازىرىدىن نىمكەش بۇيۇملارنى يىغىۋالغۇچىلارغىچە، تور مۇنبەر ئېلانلىرىدىن كۆچمە ئالاقە دەۋرىدىكى تۈرگە ئايرىلغان ئۇچۇرلار، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدا نىمكەش بۇيۇملار سودىسى نىمكەش بۇيۇملارنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە چوڭ رول ئوينىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، شاللىۋېتىلگەن ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭ قالدۇق قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سېتىپ چىقىرىش ھەم ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلەرنىڭ پايدا يارىتىشتىكى يېڭى نىشانىغا ئايلاندى. ئەمما، ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى يۈزتۇرا كۆرۈشمەيدىغان، پۇل تاپشۇرۇش بىلەن مال تاپشۇرۇش ھالقىسى ئايرىۋېتىلگەن ئالاقە تورىدىكى نىمكەش بۇيۇم سودىسى كىشىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمايۋاتىدۇ. ۋاقىت، كۈچ تېجەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالماسلىق بۇ سودىغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

     نىمكەش بۇيۇملار ئادەتتىكى تاۋارلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆلچەمسىزرەك بولغاچقا، خوراش ۋە ئاسرىلىش ئەھۋالىغا قارىتا مۇۋاپىق باھالاپ، دەلىللەش ئىنتايىن مۇھىم؛ باھا بېكىتىش، سودىلىشىش قاتارلىق ھالقىلار ئاساسەن سېتىۋالغۇچى بىلەن ساتقۇچىلارنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشى بىلەن بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ئىناۋەتلىك باھا بېرىش سىستېمىسى ماس تەرەققىي قىلىپ ماڭالمىسا، ئىككى تەرەپ ئاسانلا خاتا ئۇچۇر تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: سېتىۋالغۇچىنىڭ قارىشىچە، ساتقۇچى نىمكەش بۇيۇمغا ئائىت ئۇچۇرلارنى راستچىللىق بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس؛ ساتقۇچى بولسا ئۆزىنى سېتىۋالغۇچى تەرىپىدىن قاقتى – سوقتى قىلىنغاندەك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا سېتىۋالغۇچى قەستەن قۇسۇر تېپىپ مالنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. قانداق قىلىپ سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىش سودا سۇپىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

     شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى بازارنىڭ تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ ئاساسلىقى قولايلىق بولۇش، تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، ئاشكارا بولۇش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. نىمكەش بۇيۇم سودىسىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ، سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ھەر خىل بولىدۇ، نىمكەش بۇيۇملار سودا سۇپىسى قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان خىزمەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئىلمىي، نوپۇزلۇق باھالاش ئېتىراپنامىسى بىلەن تەمىنلەش، ئۆز ئارا باھا بېرىدىغان مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش، ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي سودىنى بىرلەشتۈرۈپ، خەۋپ – خەتەرنى ئازايتىش، ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىشلار سودىلاشقۇچىلارنىڭ ئىناۋەت مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سودا سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ساتقۇچى قولاي ھېس قىلغان، سېتىۋالغۇچىدا خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللەنگەندىلا، ئالاقە تورىدىكى نىمكەش بۇيۇملار سودىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىدۇ.

     ئەمەلىيەتتە ئالاقە تورىدىكى نىمكەش بۇيۇملار سودىسىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئالاقە تورى سودا سۇپىلىرىغا نىسبەتەن ئوخشاشلا سودىلىشىشنىڭ قولايلىق بولۇشى ھەرگىزمۇ باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، كېپىل بولۇش قاتارلىق بىر قاتار باشقۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاجىزلاشسا، ياكى يولغا قويۇلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كۆز ئالدىدىكى سودا مەنپەئىتىنىلا كۆرۈپ، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە كۈچىمەسلىك، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز – شىكايىتىگە پاسسىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ئالاقە تورىدىكى سودىلىشىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ. شۇڭا مەيلى داڭلىق ماركا ئوبرازى يارىتىپ ئىناۋەت تىكلەش ئۈچۈن بولسۇن، ياكى سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسۇن سودىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشى، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىي دۇكان بىلەن يۈزتۇرا سودىلىشىش شەكلىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئالاقە تورىدىكى سودىدا سەمىمىي، ئادىل سودىلىشىشتەك سودا ئەخلاقى روھىنى چوقۇم ئالدىن تەكىتلەش كېرەك. بۇ ھەم قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ھەم سودىغا قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ چوقۇم ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئىجتىمائىي پائالىيەت قائىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

     بىر تۈرلۈك ھەمبەھرە ئىقتىساد تەرەققىيات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر ئېلىمىزدە بىكار تۇرۇپ قالغان بۇيۇملارنىڭ سودىلىشىش سوممىسى 400 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئورتاق ۋېلىسىپىت، ئورتاق ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. نىمكەش بۇيۇملار سودىسىنىڭ ھەمبەھرە ئىقتىسادتىكى يېڭى بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ؛ ئېلىمىزنىڭ پارچە سېتىش سىستېمىسى ئەسلىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلار سودىسىدىن تەدرىجىي ھالدا يېڭى مەھسۇلاتلار ۋە نىمكەش بۇيۇملار سودىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ھالەتكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئالاقە تورىدىكى نىمكەش بۇيۇملار سودىسى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى، ھەر خىل يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرلەرنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە مۇھىت ئاسرايدىغان، ئىدراكىيلاشقان ھەمبەھرىلىنىش تىپىدىكى ئىستېمال يېڭى دەۋرى تەدرىجىي يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ.

    نىجات قۇربان تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.