مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئىقتىساد خەۋەرلىرى

    توقسۇ ناھىيەسى نامراتلارنى چالغۇ ياساپ سېتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-31 12:32:36شىنجاڭ گېزىتى

     مەمەت تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، مىللىي چالغۇ ياساش كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنى چالغۇ ياساپ سېتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىگەنلىكتىن، بۇ ناھىيەنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى چالغۇ ياسايدىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

     جاي كەنتىنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى چالغۇ ياساشتىكى تۇنجى كەنت›› دېگەن نامى بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت نۇقتىسى. ناھىيە بۇ ئەۋزەللىكنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ كەنتتە ياسالغان چالغۇلارغا ‹‹مۇڭلۇق كۈي جاي›› ۋە ‹‹شىنجاڭدىكى چالغۇ شاھى›› دېگەن ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، كەنتتە ھەپتىدە بىر كۈن بازار ئېچىپ، چالغۇلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاسىم نۇرى مۇنداق دېدى: كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 260 يايما ئورنى ياساپ، ئورنى ئەڭ ياخشى 30 يايمىنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ چالغۇ سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا بەردۇق. كەنتىمىزدە 106 ئائىلە مىللىي چالغۇ ياسايدۇ، ئۇلار ياسىغان دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، داپ، قالۇن قاتارلىق ئون نەچچە خىل چالغۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، كۆركەم، نەپىس بولغاچقا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەر ۋە فىرانسىيە، گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىۋاتىدۇ. چالغۇ ياساپ سېتىش كەنتىمىزدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تۈرگە ئايلاندى.

     بۇ كەنتتىكى چالغۇ ياساش ئۇستىسى روزى باۋۇدۇن مۇنداق دېدى: ئايدا 40 چالغۇ ياساپ سېتىپ، 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىمەن ھەم باشقا نامرات ئائىلىلەرنىمۇ يېتەكلەۋاتىمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.