مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-08-29 12:11:29شىنجاڭ گېزىتى

    مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

    ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، چيۇ شۆچياڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

    8–ئاينىڭ 23–كۈنىدىن 27–كۈنىگىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى مېڭ جيەنجۇ ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. (سۈي جىجيەن فوتوسى)

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 8–ئاينىڭ 23–كۈنىدىن 27–كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى چيۇ شۆچياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

     ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ۋە مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.مېڭ جيەنجۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، مەھەللە پائالىيەت مەركىزى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سىياسىي–قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1–سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

     ئۇ مۇنداق دېدى: زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىق ۋە قىزغىن سۆيگەنلىك.شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن كادىرى، سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىلىرى ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، نۇرغۇن جاپا–مۇشەققەتنى تارتىپ، نۇرغۇنلىغان بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىن ۋاز كېچىپ، نۇرغۇن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ، قەبىھ زوراۋان–تېررورچىلاردىن قىلچىمۇ قورقماي، باتۇرلارچە ئېلىشتى، ھەتتا قان تۆكۈپ ھاياتىنى قۇربان قىلدى. ئۇلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى، دەۋرنىڭ قەھرىمانلىرىدۇر.

     مېڭ جيەنجۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. كۆپچىلىكنىڭ مۇقەددەس بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاشماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان جەڭگىۋارلىق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى ھازىرقى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ بىلىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈزگەن خىزمەت پىرىنسىپى، خىزمەت تەپەككۇرى، سىياسەت–تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زوراۋان–تېررورچىلارغا قارىتىلغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. مېڭ جيەنجۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىردىن ئاشىدىغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تورغات چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدا چېگرا ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنى مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ پۇختا چېگرا مۇداپىئە سېپىلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە رىغبەتلەندۈردى.

     خاتىرجەم، تەرتىپلىك، گۈللەنگەن، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئارمىنى. مېڭ جيەنجۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئودانلىق يېزىسى ياندۇرما خانئېرىق كەنتىدىكى ھوشۇراخۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سىرداشتى. كەنت ئاھالىلىرى بەس–بەستە مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇدۇق، ئىلگىرى ئالدانغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئويغاندى. بىر پېشقەدەم كەنت كادىرى مۇنداق دېدى: ھازىر بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، داۋالىنىش ياردەم پۇلى، ئۆي سېلىش تولۇقلىمىسى بار، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق، ھازىرقى خاتىرجەم كۈنلىرىمىزنى ناھايىتى قەدىرلەيمىز، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىق–تەربىيەسىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرى ساقاغۇ مەھەللىسىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدانىدا مەھەللە ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلىغان نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك سەمىمىي قەلب ساداسىنى بىلدۈرۈشتى. مېڭ جيەنجۇ ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن–كۈنگە گۈزەل ھەم بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى. يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتىپ مەھەللىدە قانۇن ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەس–بەستە مېڭ جيەنجۇغا دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرت–ماكانىنى قۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.مېڭ جيەنجۇ ئۇلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ياشلىقى ۋە ئەقىل–پاراسىتىنى گۈزەل شىنجاڭغا بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     يېقىنقى يىللادىن بۇيان ئاپتونوم رايون نەچچە يۈز مىڭ پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى كەنتتە تۇرۇپ ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار تەشۋىق–تەربىيە خىزمىتىنى ۋە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما، ھەر مىللەت ئامما ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈردى. مېڭ جيەنجۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرىدا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى ۋە تەسىراتىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئورتاق قوغداشقا رىغبەتلەندۈردى. مېڭ جيەنجۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇچا بازىرى ساقاغۇ كەنتىدىكى قارا ئۈژمە مەسچىتىدە مەسچىت باشقۇرۇش ۋە كەنت ئاممىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ساۋاتلارنى توغرا ئىگىلەشتىكى قانۇنلۇق يوللىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مېڭ جيەنجۇ قەشقەر، ئاقسۇلاردا ئۇيغۇر ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

     قىسمەن ئامما مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بېيىشنى ئويلىساقمۇ سىياسەتنى بىلمەيتتۇق، بىرەر تېخنىكىنىمۇ ئىگىلىيەلمىگەنىدۇق، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتە تىلدىن قىينىلاتتۇق، بىكار يۈرۈپ ئاسانلا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالاتتۇق، ھازىر ھۆكۈمەت ھەممەيلەننى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىدى ھەم دۆلەت ئورتاق تىلى، قانۇن–نىزام ئۆگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، بالىلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، كەڭ ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. مېڭ جيەنجۇ بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنى خاتىرجەم، بەختلىك كۈنگە ئېرىشتۈرۈش خىزمىتىمىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىپ، غەمدىن خالاس قىلىش خىزمىتىنى ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان بەزى ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈردى، شۇنداقلا بۇ ئۇسۇللاردا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، خەلق ئاممىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچ مەنبەسى. ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە ئەپت–بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇش، ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قارشى كۈرەش قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىش تەربىيەسى بېرىش كېرەك. ساقچىخانا، ئەدلىيە ئىشلىرى ئورنى، خەلق سوتى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى، ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام سىياسىي–قانۇن تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، خەلقنى بېيىتىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، خەلقنى قوغداش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ئورگانلىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تايانچ قىلغان ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دەرھال قوماندانلىق قىلىدىغان، ھەرىكەت ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىنكاسى تېز بولغان زامانىۋى ساقچى ئىشلىرى ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. مېڭ جيەنجۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ تۈمەنكۆل يولى ئېغىزىدىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا ‹‹110›› ساقچىغا تېز مەلۇم قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىن ئارقىلىق دېلو مەلۇم قىلىش قاتارلىق تۆت خىل دېلو قوبۇل قىلىش، دېلو بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى كۆردى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش، دېلو بىر تەرەپ قىلىشتا ‹‹مىنۇت›› بويىچە ھېسابلاشتىن سېكۇنت بويىچە ھېسابلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مېڭ جيەنجۇ ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدە ئاپتونوم رايوندىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە تەتبىقلاش خىزمىتىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ج خ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كېيىن باشلانغان، لېكىن تېز تەرەققىي قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىقنى ساقلاشتا ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي–قانۇن ئورگانلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشكە، مەركەزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

     مېڭ جيەنجۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا تۈرمە، سولاقخانىغا بىر نەچچە قېتىم بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ۋە قاماقتىكىلەرنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن بويىچە قاتتىق تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دىن جەھەتتىن يېتەكلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش، پىسخىكا جەھەتتە ئارىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلارغا ساغلام روھىي ھالىتى بىلەن ئەستايىدىل ئۆزگىرىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە بالدۇرراق قايتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى سىياسىي–قانۇن كادىرلىرى، ساقچىلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، ئالدىنقى سېپىدە ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى كېرەك. سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىلىرى سىياسىي جەھەتتە قەتئىي سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىنى تاۋلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     مەركىزىي سىياسىي–قانۇن ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن بەي شاۋكاڭ، جاڭ شىنفېڭ، نەن يىڭ، ليۇ يۆجىن، سۇ دېلياڭ، شيۇڭ شۈەنگو، ليۇ جىچياڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.