مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىق سالدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-08-19 12:39:35شىنجاڭ گېزىتى

    تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىق سالدى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

     چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە 8 – ئاينىڭ 17 – كۈنى يۈز بەرگەن ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى بىزنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     بىرىنچى، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىش كېرەك. بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا ھېچقانداق پۇرسەت قالدۇرماي، ئاممىنى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بوشاشماي دائىم تۇتۇش كېرەك. ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››، ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹ئۈچ ھەمتۈرتكە بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېز غەلىبە قىلىش ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي توختىماسلىق كېرەك.

     ئۈچىنچى، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش كېرەك. دۈشمەن كۈچلەر ۋە زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەست پىلانلاپ دېلو سادىر قىلىشتىكى يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا، ھەر تەرەپلىمە، 24 سائەتلىك، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، باشقۇرۇشسىز رايون بولماسلىق، يوچۇق، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چېگرا باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچى، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىش كېرەك. ‹‹قالدۇق كۈچلەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ››، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سىستېمىسىنى قەتئىي بەرپا قىلىپ، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، تېز تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى بايقاپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى زەربە بېرىش كېرەك.

     بەشىنچى، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار جەزمەن مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك›› مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قاتارلىقلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە، ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەۋەتكەن ھەيدەكچىلىك قىلىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يۈكسەك مەسئۇل بولۇپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، رەھبەر ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.