مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

    ئامانگۈل2017-08-17 10:33:19شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو، چېن رۈنئېر سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى چېن رۈنئېر باشچىلىقىدىكى خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 8–ئاينىڭ 14–كۈنىدىن 16–كۈنىگىچە شىنجاڭدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى جاينىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

     چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ۋە شىنجاڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت <تۆت كوزىر>نى ياخشى تۇتۇش›› توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى، خېنەننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، ئۆلكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز مۇۋەپپەقىيىتىڭلارنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز، خېنەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىمىز ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىمىز. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن–ئاخىر بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا ئىلمىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 13–شىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسى ۋە يۈكسەك مەدھىيەسىگە ئېرىشتى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خېنەن ئۆلكىسى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك 6–قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىناق–ئىتتىپاق، باي–قۇدرەتلىك، مەدەنىي–تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، خېنەن خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

     چېن رۈنئېر خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت خەلققە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېنەنگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن رۈنئېر مۇنداق دېدى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار زور ھەم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى، بۇ بىزنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىكى مۇھىم تۈگۈن، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك 6–قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە خاسلىق يارىتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹بەشتە چىڭ تۇرۇش›› مۇھىم پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئالتىدە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش›› مۇھىم ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئالتىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۆز خىزمىتىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز، ياردەم بېرىلگەن جاينىڭ تەلىپىنى بۇرچىمىز، ياردەم بېرىلگەن جاينىڭ ئۈمىدىنى مەسئۇلىيىتىمىز دەپ بىلىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىنى كۆپەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ئىلمىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى كەسىپلەر، مائارىپ، داۋالاش، خەلق تۇرمۇشى، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپلىق، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.

     شۆھرەت زاكىر، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كۇڭ چاڭشىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، خېنەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

     خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا تۇرغان مەزگىلدە يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، قومۇل شەھەرلىك كۈتۈپخانا، مەركىزىي بالىلار باغچىسى، ئېۋىرغول رايونىدىكى بەخت كەنتى، ‹‹خاۋ شياڭنى›› توڭلىتىلغان قۇرۇق مېۋە–چىۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە بىڭتۈەن 13–شىسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، قىزىل يۇلتۇز دوختۇرخانىسى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 13–شىسىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلدى، خېنەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

     ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، جاڭ چۇنلىن، ليۇ جيەنمىڭ، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.