مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك

    ئامانگۈل2017-08-14 10:27:29شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يېقىندا مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە مۇھىت ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

     چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ھەم ئۇنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى. ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكى، ئاكتىپ پوزىتسىيەسى، قاتتىق ئىنتىزامچانلىقى بىلەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار–ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ھەقىقىي ياخشى ماسلىشىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم سىنىقى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىز بىلەن مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق ماسلىشىپ، مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

     ئىككىنچى، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ ماسلىشىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، ئورۇنلار مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8–گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشنى نۆۋەتتىكى چوڭ ئىش بىلىپ، بۇنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى، پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىۋاسىتە تۇتۇپ، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن ۋاقتىدا، تولۇق، توغرا تەمىنلەپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەھۋال ئىگىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     ئۈچىنچى، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. جايلار، تارماقلار مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ، كەمتەرلىك بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق بىرياقلىق قىلىپ، نېمە مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، مەشغۇلات ھېسابات دەپتىرى تۇتۇپ، لايىھە بويىچە ئىشلەپ، مەسئۇل ئورۇن، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش تەدبىرى ۋە ئورۇنداش مۆھلىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەرھال تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، قەتئىي تۈزىتىشى؛ تەدرىجىي تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنى مەشغۇلات ھېسابات دەپتىرىنى چىڭ تۇتۇپ، مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىپ ھېسابات دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈشى؛ ئۇزاق مەزگىل تىرىشىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ‹‹مىخ روھى›› بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۈرمۇ تۈر، تۈزىتىشنى بىرمۇبىر تۇتۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.