مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەلقئارا

    سۈرىيە دەمەشق خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-08-11 11:41:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       10-ئاۋغۇست، سۈرىيە پايتەختى دەمەشقتە ئىشچىلار دەمەشق خەلقئارا يەرمەنكىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا. سۈرىيە يەرمەنكىگە تەييارلىق قىلغۇچى تەرەپنىڭ 10-ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە، 59-نۆۋەتلىك سۈرىيە دەمەشق خەلقئارا يەرمەنكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى پايتەخت دەمەشقتە باشلىنىدىكەن. بۇ سۈرىيەنىڭ ئالتە يىلدىن كېيىن بۇ يەرمەنكىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە دەمەشقنىڭ جەنۇبىدىكى كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىكەن، ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى 49 كۆرگەزمە سارىيى ۋە كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىدىكەن.

       دەمەشق خەلقئارا يەرمەنكىسى 1954-يىلى تەسىس قىلىنغان، يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئالدىنقى قېتىم 2011-يىلى ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيە كىرىزىسى كۈچىيىپ ۋە ۋەزىيەت يامانلىشىپ، بۇ يەرمەنكە ئىزچىل ئۆتكۈزۈلمىگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.