مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    تارباغاتايدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 150 ئىستۇدېنت لياۋنىڭغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى

    بۇئايشەم2017-08-11 11:01:21تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: تارباغاتاي ۋىلايىتى يېقىندا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 150 ئىستۇدېنتنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە تەربىيەلەشكە ئەۋەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتىدىن 88  ى بار.

      مۇخبىرنىڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ 9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ئالاقىلىشىپ، لياۋنىڭ ئۆلىسىنىڭنىڭ 1 مىليون يۈەن تەربىيەلەش تەننەرخىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەمدە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ ئارقىلىق ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاۋغۇستقىچە ئاپتونوم رايون تۈرلۈك كارخانىلاردا 6067 ئىش ئورنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىن 1362 ى، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىش ئورۇنلىرىدىن 3794 ى بار ئىكەن. بۇ يىل تەربىيەلىنىۋاتقان ئىستۇدېنتلاردىن 965 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستتىن ئوقۇش پۈتكۈزگەن 296 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن، بۇ %30.7 نى ئىگىلەيدىكەن؛ قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ سانى 526 بولۇپ، %54.5 نى ئىگىلەيدىكەن.

     بۇ يىل ئاپتونوم رايون مۇشۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان 4000  ئىستۇدېنتنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى بېكىتكەن بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسى ۋە يىللىق پىلانغا كىرگۈزىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.