مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەت ساندۇقى نەنجىڭ كوچىلىرىدا نامايان بولدى

    بۇئايشەم2017-08-11 09:48:47تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        خەلق تورى خەۋىرى: 9-ئاۋغۇست، نەنجىڭ شەھىرى چاڭجياڭ يولىدا، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككى گورۇپپا يورۇقلۇق ۋولت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەت ساندۇقى رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بىر گۇرۇپپا يېڭى تىپتىكى ئەخلەت ساندۇقى بەش ساندۇقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئايرىم ھالدا قەغەز، بوتۇلكا، زىيانلىق ئەخلەت ۋە باشقا تۈردىكى ئەخلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەمدە ساندۇق ئۈستىگە ئايرىلغان ئەخلەت تۈرلىرى ئەسكەرتىلگەن ئىكەن. بۇ ئەخلەت ساندۇقلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ساندۇققا ئىشلىتىلگىنى قۇياش ئېنېرگىيەلىك پاكىز ئېنېرگىيە بولۇپ، ساندۇق ئېغىزى ئىندوكسىيە ئىقتىدارى بىلەن ئاپتوماتىك ئېچىلىپ يېپىلىدىكەن، ھەم ھىم، ھەم ياخشى، ھەم قولايلىق، پاكىز بۇ ئەخلەت ساندۇقلىرىغا GPS ئورۇن بەلگىلەش ۋە ئاپتوماتىك بەلگە بېرىش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، 240 لېتىرلىق بوشلۇق توشقاندىن كېيىن، ئەخلەت ساندۇقى ئاپتوماتىك ئارقا سۇپىغا سىگنال بېرىپ، خىزمەتچى خادىملارنى تېزراق ئېلىپ كېتىشكە ئەسكەرتىدىكەن.  

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.