مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدە 11-ئاۋغۇستتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇردىن كېيىن يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-08-10 16:31:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاۋغۇست ئايلىرى كىرگەندىن بۇيان، گەرچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ، ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا باشتىن-ئاخىرى30 ئەتراپىدا بولدى. ھازىرغا قەدەر، 8-ئاۋغۇست كۆرۈلگەن33.3 لۇق تېمپېراتۇرا مۇشۇ ئاي كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بولۇپ قالدى. ئەمما كەلگۈسى نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى ۋە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ۋە 11-ئاۋغۇست كۈنلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئايرىم ھالدا33 ۋە36 بولىدىكەن. بۇ ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم35تىن ئاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

        مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى 11-ئاۋغۇست كۆرۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.    

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.