مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۈچىدى

    مەۋلۇدە2017-08-10 11:33:35شىنجاڭ گېزىتى

     مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ پىچان يېزىسى شۆگە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

     كادىرلار كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ‹‹ئۈچ بىرلەشمە›› خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە دوستلىشىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەنى قانات يايدۇردى. ناھىيەلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىلىرىدىن تەجرىبىلىك تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈردى. ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە – ئورۇن، كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتكە 100 مىڭ يۈەن نەق پۇل، 100 توننا سېمونت، 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئالتە يۈرۈش ھاۋا تەڭشىگۈچ ھەل قىلىپ بەردى. ‹‹دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى››نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن 45 دېھقاننى ‹‹قوش تىل›› بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىدى. كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يەسلىسىنى پىراكتىكا بازىسى قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئوقۇش – ئوقۇتۇش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇ ئىككى ئورۇنغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ياردەم قىلدى. كەنتتىكى 60 كەنت كادىرى، دېھقان بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹بەشتە بىر››دوستلىشىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئۇلارغا 6000 يۈەن قىممىتىدە ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەردى. تىنچ – ئامان كەنت، گۈزەل يېزا – كەنت، ‹‹يۇلتۇز دەرىجىلىك›› پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىشقا كۈچىدى. كەنتنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاكتىپلارنى تەربىيەلەش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېقىندىن ياردەم بەردى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.