مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى–سانجى–شىخەنزە رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى

    ئامانگۈل2017-08-08 11:02:17شىنجاڭ گېزىتى

      ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق بېيگۇ 1 – كەنتىدىكى 67 ياشلىق جياڭ دېلۇڭ 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىشىك ئالدىغا ياتقۇزۇلغان پار تۇرۇبىلىرىنى كۆرۈپ، خوتۇنى بىلەن سەگىدىگەچ، پار تۇرۇبىسىنىڭ قاچان تولۇق ياتقۇزۇلۇپ بولىدىغانلىقىنى سورىدى. بۇ قۇرۇلۇش سانجى ئوبلاستىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ‹‹ساپ ھاۋا›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماي، مۇھىت ئاسراشتا تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

     ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 – يىللىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى››دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتى %2.09 تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئېشىش مىقدارى دۆلەت بەلگىلىگەن كۆرسەتكۈچ دائىرىسىدە كونترول قىلىنىپ، ئازوت ئوكسىد چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى % 0.79 تۆۋەنلىتىلىدۇ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %68.8كە يەتكۈزۈلىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دەي جىڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە 27 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلاپ، ‹‹كۆمۈرنى تىزگىنلەش››، ‹‹چاڭ – توزاننى تىزگىنلەش››، ‹‹بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش››، ‹‹ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش››، ‹‹رايونلار بىرلىشىپ تىزگىنلەش›› خىزمىتىنى يولغا قويدى. شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايلاردىكى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كىچىك پار قازانلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كىچىك پار قازاندىن 30 مىڭنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.

     سانجى ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېر جاڭ بىن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى بۇ يىل ‹‹ساپ ھاۋا›› ھەرىكىتى بويىچە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدىن 75نى يولغا قويۇپ، 8 مىليارد 330 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى، ھازىر 40 تۈردە ئىش باشلاندى؛ ‹‹سانجى ئوبلاستىنىڭ كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى تۈزۈپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازانلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزىدى، 1 – ئايدىن 6 – ئايغىچە كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان 633 پار قازاننى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتتى؛ 2017 – يىلى توققۇز ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى 19 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى، توك بىلەن ئىسسىتىش كۆلىمىنى 4 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

     بىڭتۈەن 8 – شىسى شىخەنزە شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: شىخەنزە شەھىرى ‹‹قىشتا ئالدىنى ئېلىش›› ۋە ‹‹يازدا تىزگىنلەش››تىن ئىبارەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بىر خىل ئەندىزە (تورلاشقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى)دىن پايدىلىنىپ، ئىككى خىل ئۇسۇل (نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، توردا نازارەت قىلىش)نى يولغا قويۇپ، بەش خىل چارە (توردا كۆزىتىپ – ئۆلچەش، سىن ئارقىلىق نازارەت قىلىش، پۈتۈن جەرياننى توردا نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت تاللاپ تەكشۈرۈش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن چارلاش)نى قوللىنىپ، ھاۋا چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان، ئىستېرېئولاشقان مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.