مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك

    ئامانگۈل2017-08-06 17:15:25شىنجاڭ گېزىتى تورى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گەنسۇ چىليەنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى قايتا ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ گەنسۇ چىليەنشەن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى قايتا ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار سىياسىي مەيدانىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

     بىرىنچى، «تۆت ئاڭ»نى، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق − ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تۈپ گىياھى، تاغ- دەرياسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ سۈيىنىڭ سۈزۈك، تاغلىرىنىڭ دائىم يېشىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭى، مۇھىت ئاسراش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېشىش نۇقتىسى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ تايانچ نۇقتىسى، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

     ئۈچىنچى، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسىي چېكى، مۇھىتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى، تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىزىل سىزىقنى قاتتىق ساقلاپ، پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەسىپ ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراش بويىچە «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەبىئىي مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگەن جاي، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قۇملاشقان يەرنى دائىرىلەپ قوغداش رايونى، گېئولوگىيە باغچىسى، ئورمان باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى، مۇھىم سۇ مەنبەسى ۋە مۇھىم سۇلۇق يەر قاتارلىقلارنى قوغداش قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئېكولوگىيەنى تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە بىر تۈركۈم مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇشتىكى «ئۈچ قىزىل سىزىق»نى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەر جەمئىيەت قۇرۇش كېرەك.

     بەشىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى شەخسەن ئۆزى تۇتۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۆزى سۈرۈشتۈرۈش، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى ماسلاشتۇرۇش، مۇھىم دېلولارنى بېجىرىشكە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن ئىش تەقسىملەپ زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

     ئالتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەتنامىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تەكشۈرۈپ باھالاش چارىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ كۈچلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قوغداش كېرەك. مۇھىت بۇلغاش مەسىلىسىنى دائىملىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، بېسىم ئىشلىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەجبۇرلاش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تەدبىرى جايىدا بولمىغان، قاتتىق نازارەت قىلمىغان، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن، ئىنتىزام، قائىدە بويىچە قاتتىق، ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى ئېغىر بەدەل تۆلىتىش كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.