مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئاپتونوم رايون جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

    ئامانگۈل2017-08-06 16:31:50شىنجاڭ گېزىتى تورى

    چېن چۈەنگو، شيې شۆجى سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 8-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق كېڭەشتى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى شيې شۆجى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چۇڭجيۇ، جاڭ چۈنلىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

     چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، بۇ يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن، شۇنداقلا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئاچقۇچ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭدا كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش، زورىيىش ۋە كۈچىيىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

     شيې شۆجى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى مۇقىم، جەمئىيىتى تىنچ- ئىتتىپاق، خەلق تۇرمۇشى بەختكە چۆمگەن بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

     شيې شۆجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە پائال ماسلىشىپ كىرېدىت كۆلىمى، تەستىقلاش ھوقۇق چېكى، بايلىق، خىراجەت، خادىملارنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش، مايىللىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدۇ. بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا سېتىۋېلىپ ساقلاش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىش- ساقلاش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى كۆك نامرات رايونلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە قارىتىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپ، ئۇل ئەسلىھەدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز. تۆتىنچى، دىققەتنى خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى قوللاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز- ئېرىق، ئوبوروت سىستېمىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

     شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشى، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.