مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

    ئامانگۈل2017-08-04 10:54:21شىنجاڭ گېزىتى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ، پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 42 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 16 – قېتىملىق يىغىنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 37 – قېتىملىق يىغىنى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدا كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە نىشان – ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىرىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ۋە ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچى، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك؛ بەشىنچى، مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈككە تايىنىپ، ئىشىكنى غەربكە، مەملىكەت ئىچىگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك؛ ئالتىنچى، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە بىلەن قوللاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە مەنبەسى قۇرۇلۇشى ۋە خامچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ قوللاپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛ يەتتىنچى، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئىزچىل ئەلالاشتۇرۇپ، ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› سالمىقىنى زورايتىپ، ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازار ھەرىكىتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ سەككىزىنچى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلارنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ماھارەت، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، مىخ روھى بىلەن تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق كوللېكتىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى كومىتېتىنى قۇرۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ زور ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، بۇ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىدىيەسى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چوڭقۇر تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيە – خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.